مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرى

    ‹‹كەنتكە مۇھەببەت››تىن تارالغان مېھىر – مۇھەببەت

    ئامانگۈل2017-08-08 11:17:10شىنجاڭ گېزىتى

     ئەكبەر ئىسمائىل

     ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى باشلانغان بىر قانچە يىلدىن بۇيان، نەچچە ئون مىڭ كادىر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ چاقىرىقىغا پائال ئاۋاز قوشۇپ، خىزمەت ئورۇنلىرىدىن ئايرىلىپ، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن خوشلىشىپ، كەنت – مەھەللىلەرگە بېرىپ، يېڭى خىزمەت ئورنىدا ئىشلىدى. بۇرچ تۇيغۇسىغا ئىگە بۇ كادىرلار ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يۈكلىگەن مەسئۇلىيەتنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيەنىڭ ئىللىقلىقىنى تۈمەنلىگەن ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈشكە ۋە ھەر مىللەت ئاممىنى يېتەكلەپ گۈزەل يۇرت – ماكان قۇرۇشقا تىرىشتى... ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغان بىر قانچە يىلدا شىنجاڭ زېمىندا، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كەنتلەردە زور ئۆزگىرىشلەر بولدى ۋە كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان تەسىرلىك ھېكايىلەر مەيدانغا كەلدى... بۇ مەزمۇنلار ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان ئۇسسۇللۇق تىياتىر ‹‹كەنتكە مۇھەببەت››تە بەدىئىي سەنئەت شەكلى بىلەن ئىپادىلەندى، بۇ ئۇسسۇللۇق تىياتىردىن تارالغان مېھىر – مۇھەببەت تاماشىبىنلارنى ھەقىقىي ھاياجانغا سالدى.

     5 – نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ئاقسۇ ۋىلايەتلىك تارىم ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكى تەييارلىغان بۇ ئۇسسۇللۇق تىياتىردا دەۋر روھى ھەقىقىي نامايان قىلىنغانىدى. ئۇسسۇللۇق تىياتىر 8 – ئاينىڭ 3 –، 4 – كۈنلىرى شىنجاڭ خەلق تىياتىرخانىسىدا ئىككى مەيدان ئوينالدى، تاماشىبىنلار ئۇسسۇللۇق تىياتىرنى كۆرگەن 80 مىنۇت جەريانىدا ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلارنىڭ تۇرمۇشىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى ۋە ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى چۈشەندى. ئۇسسۇللۇق تىياتىردا بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزدا، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدا يۈز بەرگەن ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر ئۇسسۇل سەنئىتىنىڭ ئىپادىلەش شەكلى ئارقىلىق بايان قىلىنىپ، تاماشىبىنلارغا ئاساسىي قاتلامدىكى كادىر ۋە ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالى ۋە ئۇلارنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەتكە بولغان سەمىمىي مىننەتدارلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى.

     ‹‹كەنتكە مۇھەببەت›› ناملىق ئۇسسۇللۇق تىياتىر ‹‹بۇرچ››، ‹‹مەسئۇلىيەت››، ‹‹يۇرت›› ۋە ‹‹مىننەتدارلىق››تىن ئىبارەت تۆت پەردىگە بۆلۈنگەن. بىرىنچى پەردە ‹‹بۇرچ›› شىنجاڭ خەلق سارىيىدىكى كۆرۈنۈشتىن باشلاندى. ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمىتى سەپەرۋەرلىك يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن ئەترەت بايرىقى قولدىن قولغا ئۆتۈپ، ھەر بىر ئەترەت ئەزاسىغا يەتكۈزۈلدى، بۇ بايراقنى قولغا ئالغان ھەر بىر ئەترەت ئەزاسى بۇرچنى زىممىسىگە ئالدى، ئۇلار ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن خوشلىشىپ، خىزمەتلىرىنى خىزمەتداشلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، تەشكىلنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئاساسىي قاتلامغا يۈرۈپ كەتتى...؛ ئىككىنچى پەردە ‹‹مەسئۇلىيەت›› جىددىي ۋە جانلىق مۇزىكا بىلەن باشلاندى، خىزمەت ئەترەتلىرى ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى باشلىۋەتتى، مۇھەببەت ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە يۈكلىگەن ئەترەت ئەزالىرى ئۆيمۇئۆي كىرىپ، ئېتىزلارنى ئارىلاپ، دېھقانچىلىق مەيدانلىرىدا يۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇلار ئالدىراشچىلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ، دېھقانلار بىلەن بىللە دېھقانچىلىق قىلدى، ھەر مىللەت ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يولىغا باشلاپ ماڭدى...؛ ئۈچىنچى پەردە ‹‹يۇرت›› باشلىنىش بىلەن تاماشىبىنلار مۇزىكىغا ئەگىشىپ خىزمەت ئەترىتىدىكى ئەزالارنىڭ تۇرمۇش ھېكايىسىگە كىرىپ كەلدى. بىر كۈنلۈك جاپالىق خىزمەتنى ئاخىرلاشتۇرغان ئەترەت ئەزالىرى ئائىلىسىنى، بالا – چاقىلىرىنى سېغىندى، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ سۈرىتىگە قاراپ ھاردۇقىنى چىقاردى. تۇيۇقسىز كەلگەن كەلكۈن خاتىرجەملىكنى بۇزدى، خىزمەت ئەترىتىدىكى ئەزالار كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە ئامما بىلەن بىللە مۈرىنى – مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلدى، خىزمەت ئەترىتىدىكى ئەزالار ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىغا بولغان مېھىر – مۇھەببىتىنى ئىپادىلىدى، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلدى...؛ تۆتىنچى پەردە ‹‹مىننەتدارلىق›› تاماشىبىنلارغا ئاساسىي قاتلامدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلدۇردى. خىزمەت ئەترىتىدىكى ئەزالار ئامما ئويلىغاننى ئويلاپ، ئاممىنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئېقىپ، ئۇلار بىلەن قان قېرىنداشتەك مۇناسىۋەت ئورناتتى ۋە ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى، ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقىدا يېزا – بازارلارنىڭ قىياپىتىدە ئۆزگىرىش بولدى، يېڭى نەتىجىلەر بارلىققا كەلدى. پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەدىرلەش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورنىدى، بەختلىك دەۋردە ياشاۋاتقان ھەر مىللەت خەلق پارتىيەگە، ئۇلۇغ ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى...

     ‹‹كەنتكە مۇھەببەت››تە ھەقىقىي بىر پېرسوناژ ئوبرازى يارىتىلىپ، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى چىن ۋە بەدىئىي يورىتىپ بېرىلدى، ئارتىسلار سېھرىي كۈچكە تولغان بەدەن تىلى بىلەن خىزمەت ئەترىتىنىڭ تۇرمۇش ۋە خىزمىتىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىپادىلىدى.

     ئۇسسۇللۇق تىياتىرنى كۆرگەن تۇرسۇن ھاكىم مۇنداق دېدى: ئارتىسلار ئۇسسۇل شەكلى بىلەن بىزگە ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ۋە ئەتراپلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى، بۇ ئۇسسۇللۇق تىياتىرنى كۆرگەندىن كېيىن خىزمەت ئەترىتى توغرىسىدا يېڭىچە چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم. ‹‹كەنتكە مۇھەببەت››تە پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ھەقىقىي نامايان قىلىنىپتۇ.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.