مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرى

    سەھنىدە جۇلالانغان ‹‹رەڭدار ئاۋمېن››

    ئامانگۈل2017-08-04 20:56:49شىنجاڭ گېزىتى

     ئەكبەر ئىسمائىل

     مۇزىكىغا جور بولۇپ بالېتقا چۈشكەن ئۇسسۇلچىلار تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا مۇيەسسەر بولدى، سەھنىدە بالېت ئويناۋاتقان ئۇسسۇلچى قىزلارنىڭ كىچىكى ئون نەچچە ياشتا، چوڭى 20 نەچچە ياشتا ئىدى، ئاپئاق ئۇسسۇل كۆڭلىكى كىيگەن قىزلار مۇقەددىمە ئۇسسۇل ‹‹بالېت كۈيلىرى››دە بالېت ئۇسلۇبىدىكى زامانىۋى ئۇسسۇلنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئوينىدى، ‹‹دونكىخوت››، ‹‹ئاق قۇ كۆلى›› قاتارلىقلاردىكى ئايال قەھرىمانلار بىر – بىرلەپ سەھنىگە چىقتى، كىلاسسىك بالېت بىلەن زامانىۋى ئۇسسۇل ئۇستىلىق بىلەن كىرىشتۈرۈلگەن ‹‹بالېت كۈيلىرى›› تاماشىبىنلارغا يېڭىچە تۇيغۇ ئاتا قىلدى...

     5 – نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمىغا قاتنىشىۋاتقان ئاۋمېن ئورۇنلاش سەنئىتى ئىنستىتۇتى ياشلار ئۇسسۇل ئۆمىكى 7 – ئاينىڭ 21 – كۈنى ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىشچىلار مەدەنىيەت سارىيىدا تۇنجى مەيدان ئۇسسۇل كېچىلىكى ئۆتكۈزدى. ‹‹رەڭدار ئاۋمېن›› تېمىسىدىكى ئۇسسۇل كېچىلىكى تاماشىبىنلارغا ئاۋمېننىڭ رەڭدارلىقى، شۇنداقلا بۇ ئۇسسۇل كېچىلىكىگە قاتناشقان ئۇسسۇلچىلارنىڭ قىزغىن، جەڭگىۋار ياشلاردىن تەشكىللەنگەنلىكى، ئورۇنلانغان ئۇسسۇل تۈرىنىڭ كۆپ خىللىقىنى نامايان قىلدى. بۇ، ئاۋمېن ئورۇنلاش سەنئىتى ئىنستىتۇتى ياشلار ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئىككىنچى قېتىم جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمىغا قاتنىشىشى ئىدى. بۇ ئۆمەك 3 – نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمىغا قاتناشقاندىمۇ ئۆمەكنىڭ ئارتۇقچىلىقى ھېسابلىنىدىغان بالېت بىلەن زامانىۋى ئۇسسۇل بىرلەشتۈرۈلگەن ئۇسسۇل كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ، تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەنىدى.

     بىر سائەتكە يېقىن داۋاملاشقان ئۇسسۇل كېچىلىكى ‹‹بالېت كۈيلىرى››، ‹‹قوڭغۇراق ئاۋازى››، ‹‹كۆكتىن سوراش››، ‹‹چەك›› قاتارلىق سەككىز ئۇسسۇلدىن تەركىب تاپقانىدى. كۆپلەپ سەھنە جابدۇقى ۋە ئۆزگىرىشچان سەھنە چىرىغى قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئىشلىتىلمىگەن بۇ ئۇسسۇل كېچىلىكىنىڭ ئەڭ زور ئالاھىدىلىكى تاماشىبىنلارنىڭ دىققىتىنى ئۇسسۇلچىلارنىڭ گۈزەل ئۇسسۇل ھەرىكىتى ئارقىلىق مەركەزلەشتۈرۈش ئىدى. ياش ئۇسسۇلچىلار مۇزىكىغا ئەگىشىپ، ھەربىر ئۇسسۇل ھەرىكىتىنى ئىخلاس بىلەن ئورۇنلاپ، ئۆزگىرىشچان بەدەن تىلى ئارقىلىق تاماشىبىنلارغا ئاۋمېننىڭ خاسلىققا ئىگە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى تولۇق نامايان قىلىپ بەردى ۋە گۈزەل ھەم لىرىك ئۇسسۇلى بىلەن تاماشىبىنلارنى چوڭقۇر مەناغا تولغان ئۇسسۇل دۇنياسىغا باشلاپ كىردى.

     ئۇقۇشىمچە، ئاۋمېن ئورۇنلاش سەنئىتى ئىنستىتۇتى ياشلار ئۇسسۇل ئۆمىكى ئىنستىتۇت قارىمىقىدىكى ئۇسسۇل مەكتىپىنى ئاساس قىلغان ھاياتىي كۈچكە تولغان ئۇسسۇل ئۆمىكى ئىكەن. ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئىجادىيەت يۆنىلىشى ئاساسلىقى زامانىۋى ئۇسسۇل بىلەن بالېت بولۇپ، ئاۋمېندا زور تەسىرگە ئىگە ئىكەن. بۇ ئۆمەك بۇ نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمىدا تۆت مەيدان مەخسۇس ئۇسسۇل كېچىلىكى ئۆتكۈزگەن. كېچىلىككە قاتناشقان 24 ئۇسسۇلچىنىڭ بىر قىسمى ئۇسسۇل مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى، بىر قىسمى ئوقۇش پۈتكۈزگەن مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار ئىكەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.