مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    تاغدىن ـ باغدىن

    ئامېرىكىدىكى بىر مۇزېيدىن 200 يىللىق ھاراق بايقالدى

    رەنا2017-07-17 16:24:21تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
        ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 11-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ئامېرىكا يېڭى جېرسېي ئىشتاتىنىڭ كېئان ئۇنىۋېرسىتېتى ئالبېرت خال مۇزېيىنىڭ ھاراق ئىسكىلاتىنى رېمونت قىلىۋاتقاندا ناھايىتى قىممەتلىك كونا ھاراقلارنى بايقىغان. بۇنىڭ ئىچىدە 1796-يىلى ئېچىتىلغان مادېرىئا ئاق ئۈزۈم ھارىقىدىن 3 يەشىك ۋە 19-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرى ئېچىتىلغان ھاراقتىن 42 بوتۇلكا بار ئىكەن.
        بۇ ھاراقلار بىر ياغاچ تام ئارقىسىدىن بايقالغان بولۇپ، ھەربىر ھاراق بوتۇلكىسى ئۈستىگە «روبېرت لېنوكىس، فىلادېلفىيە، 1796» دېگەن خەتلەر بېسىلغان. ئىگىلىنىشىچە، ئالبېرت خال مۇزېيى ئىلگىرى يېڭى جېرسېي ئىشتاتىنىڭ تۇنجى ئىشتات باشلىقى ۋىلىئام لىۋىڭىستومنىڭ تۇرالغۇسى ئىكەن، كېيىن كىئان جەمەتى بۇ يەردە تۇرغان، بۇ ھاراقلار بولسا دېڭىز تىرانسپورتى ئارقىلىق جون كىئانغا يەتكۈزۈلگەن. كالىفورنىيەدىكى ئەڭ چوڭ ھاراق سودىگىرى بۇ ھاراقلارنىڭ ساپ مادېرىئا ھارىقى ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەن، ھەربىر بوتۇلكا ھاراق تەخمىنەن 10 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ( تەخمىنەن 68 مىڭ يۈەن) دىن 25 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 170 مىڭ يۈەن) غىچە يارايدىكەن.
        مادېرىئا ھارىقى ئەنگلىيە مۇستەملىكىسى دەۋرىدە ئامېرىكىدىكى ئەڭ داڭلىق ھاراقلىرىنىڭ بىرى ئىدى. ئامېرىكا مۇستەقىللىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە مادېرىئا ھارىقى كۈچلۈك تەمى بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيىتىدە مۇھىم ئورۇن ئىگىلىگەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.