مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دۆلەت ۋە مىللەت

    شىۋېيتسارىيەدىكى قائىدە-يوسۇن ئۆگىتىدىغان مەكتەپ

    رەنا2017-07-17 15:16:57تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
        ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 13-ئىيۇل خەۋىرى: بۇرۇنقى دەۋرلەردە قائىدە-يوسۇن مەكتەپلىرىدە يۇقىرى تەبىقىدىكىلەرگە قائىدە-يوسۇن ئۆگىتىلەتتى، خانىم-قىزلارنىڭ بۇ مەكتەپتە ئوقۇشى مەجبۇرىيەت ھېسابلىناتتى. ھازىر بۇنداق مەكتەپلەرنى ئۇچراتماق تەس. گىئارونغا جايلاشقان پىئېرېفېئۇ داچا ئىنستىتۇتى شىۋېيتسارىيەدىكى ئەڭ ئاخىرقى قائىدە-يوسۇن مەكتىپى بولۇپ قالدى.
        پىئېرېفېئۇ داچا ئىنستىتۇتى ئاياللارغا ھەرخىل سورۇندا ئەڭ گۈزەل ھالەت ۋە سالاپەتنى ساقلاشنى ئۆگەتكەندىن باشقا، يەنە ئۇلارغا سۆز قىلىش سەنئىتىنىمۇ ئۆگىتىدىكەن. مەكتەپ مۇدىرى نېرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە خان جەمەتىنىڭ مەلىكىلىرى ۋە زۇڭتۇڭلارنىڭ قىزلىرى بار ئىكەن. ئەمما ئۇلار كۆپ ساننى ئىگىلىمەيدىكەن.
        تەخمىنەن 100 يىللار ئىلگىرى مەزكۇر رايوندا قائىدە-يوسۇن مەكتەپلىرى ۋە بۇ مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار كۆپ ئىدى. ئەمما 1968-يىلىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئىنقىلابى ۋە خانىم-قىزلار ھوقۇقى ھەرىكىتى تەسىرىدە بۇ خىلدىكى مەكتەپلەرنىڭ نۇرغۇنى تاقىلىپ، پەقەت پىئېرېفېئۇ داچا ئىنستىتۇتىلا قالغان.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.