مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    جاھان يېڭىلىقلىرى

    تاغ چوققىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن كونسېرت

    رەنا2017-07-17 12:08:51تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
        شىنخۇا تورى خەۋىرى: ئىتالىيەلىك پىيانىست، تاغقا يامىشىش ماھىرى ئېلىسا تومېلىنى 12-ئىيۇل شۋېيتسارىيە بىلەن ئىتالىيە گىرەلەشكەن ئالىپ تېغىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن تەخمىنەن 4267 مېتىر كېلىدىغان روسا چوققىسىدا پىيانىنو كونسېرتى ئۆتكۈزۈپ، دۇنيا بويىچە دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز جايدا كونسېرت ئۆتكۈزگۈچى بولۇپ قالغان.
        ئىگىلىنىشىچە، ئېلىسا تاغقا يامىشىش ۋە پىيانىنو چېلىشتىن ئىبارەت ئىككى ئارتۇقچىلىقىنى بىرلەشتۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن مۇزىكىغا بولغان ھەۋىسىمنى بىر مەزگىل توختىتىپ قويۇپ، دۇنيا كېزىش ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغانىدىم، كېيىن مۇزىكا بىلەن تاغ چوققىسىنى ئىنسانلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا ئېلىپ كىرىش، ئۇلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاش ئويىغا كەلدىم».
     

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.