مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    سۈرەتتىكى دۇنيا

    يۇڭلۇق قوي شىرەكنىڭ ھېكايىسى

    رەنا2017-07-10 18:03:16تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     يەر شارى تورى خەۋرى: بۇ قوينىڭ ئىسمى شىرەك، شىرەكنىڭ بەدىنىدىكى يۇڭلارنى ئىگىسى مەخسۇس ئۆستۈرگەن بولماستىن، بەلكى شىرەك ئۆزى مىڭ بىر تەسلىكتە ساقلاپ قالغان . ئەسلى ھېكايە مۇنداق:

     ئەينى چاغدا شىرەكنىڭ ئىگىسى ئۇنىڭ بەدىنىدىكى يۇڭنى قىرقىۋەتمەكچى بولغان. شىرەك خۇددىي ئىگىسىنىڭ مۇددىئاسىنى بېلىپ قالغاندەك، بىر كۈن ئىلگىرى تاغ ئىچىگە قېچىپ كىرىپ كەتكەن. ھىچكىم ئۇنى ئىزدەپ تاپالمىغان.

     شۈ تەرىقىدە ئالتە يىل ئۆتكەن. بىر كۈنى پۈتۈن بەدىنىنى يۇڭ بېسىپ كەتكەن شىرەك ئىگىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگەن. ئۇ بەلكىم بۇ ئېغىر يۇڭلارنى يۈدۈپ مېڭىشتىن ھارغان بولۇشى مۇمكىن. ئىگىسى ئۇنى ئازاد قىلىپ ئۇنىڭ يۇڭلىرىنى قىرقىۋەتمەكچى بولغان ھەمدە ئۇنىڭ ئالتە يىلدىن بۇيان ساقلاپ كەلگەن يۇڭىنى قىرقىش ئۈچۈن كاتتا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى قارار قىلغان.

     شىرەكنىڭ ئىگىسى نۇرغۇنلىغان دوستلىرىنى ۋە ئاخباراتچىلارنى چاقىرىپ كەلگەن ھەمدە ئالدىنقى نۆۋەتلىك قوي يۇڭى قىرقىش چېمپىيونىنى شىرەكنىڭ يۇڭىنى قىرقىشقا تەكلىپ قىلغان.

     

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.