مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرى

    مەدەنىيەت پائالىيىتى ئۆيى ئاممىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتتى

    ئامانگۈل2017-06-29 18:16:22شىنجاڭ گېزىتى

      مۇيەسسەر خېلىل خەۋەر قىلىدۇ: توققۇزتارا ناھىيەسى بۇ يىل مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىپ، ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت بازىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتتى.

     بۇ ناھىيە بۇلتۇر 16 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، ناھىيە بويىچە 27 كەنتتە مەدەنىيەت پائالىيىتى ئۆيى قۇرۇلۇشىنى تاماملىدى. بۇ يىل بۇ تۈرگە يەنە 14 مىليون 570 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، يېڭىدىن يەنە 20 كەنتتە كۆڭۈل ئېچىش ئۈسكۈنىلىرى تولۇق سەپلەنگەن مەدەنىيەت پائالىيىتى ئۆيى سېلىپ، ئاممىغا بولغان مۇلازىمەتنى تېخىمۇ ياخشىلاشقا ئاساس سالدى.

     تاشتۆپە يېزىسىنىڭ باقىباي كەنتىدىكى پائالىيەت ئۆيىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 300 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، بۇلتۇر پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، كەنت ‹‹ئىككى كومىتېتى›› كەنت مەدەنىيەت پائالىيىتى ئۆيىدىن پايدىلىنىپ ھەر خىل مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ۋە توي مۇراسىملىرىنى ئۆتكۈزۈش بىلەن بىللە، تېخنىكىلىق تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىپ، كەنتتىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتتى. كەنت ئاھالىسى مۇھەممەت تۇرسۇن مۇنداق دېدى: ھازىر كەنتىمىزدە مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى كۆپلەپ ئۆتكۈزۈلۈۋاتىدۇ، ئادەتتە بىكار بولۇپ قالغان ۋاقىتلىرىمىزدا، مەدەنىيەت پائالىيىتى ئۆيىگە كېلىپ كۆڭۈل ئاچىمىز، ئۇنىڭدىن باشقا ھەر كۈنى كەچتە بۇ يەردە يەنە كەچلىك كۇرسقا قاتنىشىپ، خەنزۇ تىلى ۋە دېھقانچىلىققا دائىر ساۋاتلارنى ئۆگىنىمىز، ئىلگىرى بۇنداق شارائىتلار يوق ئىدى، پارتىيەنىڭ بىزگە مۇشۇنداق ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بەرگىنىگە كۆپ رەھمەت.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.