مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    سۈرەتتىكى دۇنيا

    ئامېرىكىلىق ئايالنىڭ «ھەسەن-ھۈسەن ئۆيى»

    زۆھرە تۇرسۇن2017-06-16 13:06:17تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     يەرشارى تورى خەۋىرى: ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 14-ئىيۇن خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىلىق 34 ياشلىق ئايال ئامىنە مۇسىئولو لوس ئانژېلېس شەھىرى مەركىزىگە جايلاشقان ئۆيىنى «ھەسەن-ھۈسەن ئۆي» شەكلىدە بېزىۋالغان. ئىگىلىنىشىچە، ئۇ ئۆيىنى ئۆزى بىر قوللۇق لايىھەلەپ بېزىگەن. «ھەسەن-ھۈسەن ئۆي» دە گۈل تام، رەڭلىك تام، ھەرخىل رەڭلەردە بېزەلگەن كىيىم ئىشكاپلىرىدىن باشقا، يەنە «خىرۇستال» باش تېمىسىدا ھۇجرىمۇ بار ئىكەن. بۇ ئۆينىڭ سۈرەتلىرى تورغا چىقىرىلغاندىن كېيىن تورداشلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن.

     ئامىنە ئەسلىدە زىننەت بۇيۇمى لايىھەلىگۈچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ خىزمەتخانىسى بار ئىكەن، ئۇنىڭ لايىھەلىگەن زىننەت بۇيۇملىرى نۇرغۇن خېرىدارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن.

     بۇ يىل ئەتىيازدا ئامىنە يولدىشى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ 60 كىۋادىرات مېتىر كېلىدىغان ئۆيىنى بېزىگەن بولۇپ، كۆپ كۈچ چىقىرىش ئارقىلىق ھازىرقىدەك ھالەتكە كەلتۈرگەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.