مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    سۈرەتتىكى دۇنيا

    فوتوگراف سۇ پەرىسىنىڭ گۈزەل ھالىتىنى سۈرەتكە تارتتى

    پەرغانە غوپۇر2017-06-15 17:28:14تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

        يەر شارى تورى خەۋىرى: 2017-يىل 13-ئىيۇن، بىر فوتوگراف سۇ پەرىسىنىڭ سۇ ئاستىدىكى سىرلىق ۋە ئادەتتىن تاشقىرى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان كۆرۈنۈشىنى سۈرەتكە تارتىۋالغان. ئەلۋەتتە بۇ ھەقىقىي سۇ پەرىسى ئەمەس. بۇ يىل 39 ياشقا كىرگەن فوتوگراف ئالاستار سىكارلىت ئەنگلىيەدىكى بىر سۇ پەرىسىنى تەربىيەلەش مەكتىپىدە بۇ سۈرەتلەرنى تارتقان.Freedive UKsدەپ ئاتىلىدىغان سۇ پەرىسىنى تەربىيەلەش مەكتىپىدە، تەربىيەلەنگۈچىلەر ئالدى بىلەن بىر كۈنلۈك تەربىيەلەش دەرىسىگە قاتنىشىپ، ھەقىقىي سۇ پەرىسىگە مۇناسىۋەتلىك تېخنىكىلارنى ئىگىلەيدىكەن. ئوقۇغۇچىلار بارلىق تېخنىكىلارنى ئىگەللەپ بولغاندىن كېيىن تەكلىپ بىلەن سۇ پەرىسى سىياقىدىكى كىيىمنى كىيىپ سۇ ئاستىدىكى سۈرەتكە تارتىشقا قاتنىشىدىكەن. شۇنىڭدەك تەربىيەلىنىش ئاياغلاشقاندىن كېيىن تەربىيەلەنگۈچىلەر يىلدا بىر كېلىدىغان ساياھەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ، ھەر خىل گۈزەل ئارال ۋە دېڭىز ئاستىلىرىدا كۆڭۈللۈك ساياھەت قىلىدىكەن.


     

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.