مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرى

    2017–يىللىق قازاقىستان–جۇڭگو كىنو كۆرگەزمىسى شىنجاڭ كىنو ھەپتىلىكى ئالمائاتادا باشلاندى

    ئامانگۈل2017-06-14 11:26:54شىنجاڭ گېزىتى

     مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋەر قىلىدۇ: جۇڭگو – قازاقىستان ئىككى دۆلەتنىڭ كىنو ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت ئالاقىسى ۋە ئۆزئارا زىيارەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەقسىتىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان، دۆلەت ئاخبارات – نەشرىيات – رادىيو – كىنو – تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى، جۇڭگونىڭ قازاقىستاندىكى باش ئەلچىخانىسى، قازاقىستان مەدەنىيەت – تەنتەربىيە مىنىستىرلىقى باش بولۇپ ئۆتكۈزگەن، جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات – نەشرىيات – رادىيو – كىنو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسى، قازاقىستان دۆلەتلىك كىنو باش شىركىتى تەشكىللىگەن، شىنجاڭ تەڭرىتاغ كىنو ئىستۇدىيەسى، شىنجاڭ كىنو – فىلىم تارقىتىش – قويۇش شىركىتى ئۈستىگە ئالغان 2017 – يىللىق قازاقىستان – جۇڭگو كىنو كۆرگەزمىسى شىنجاڭ كىنو ھەپتىلىكى 6 – ئاينىڭ 10 – كۈنى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالمائاتا شەھىرىدە باشلاندى.

     ئۇقۇشىمچە، 6 – ئاينىڭ 25 – كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان شىنجاڭ كىنو ھەپتىلىكى ‹‹2017 – يىللىق قازاقىستان – جۇڭگو كىنو كۆرگەزمىسى›› يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنىڭ بىرى ئىكەن، كىنو ھەپتىلىكىدە شىنجاڭدا ئىشلەنگەن ‹‹مېھىر – مۇھەببەت››، ‹‹ئارزۇ قاناتلانغان جاي››، ‹‹گۈلبىكە››، ‹‹پۇل دېگەن شۇنداق نەرسە›› قاتارلىق تۆت ھېكايە فىلىم ئالمائاتادىكى بەش چوڭ كىنوخانىدا قويۇلىدىكەن. ‹‹پۇل دېگەن شۇنداق نەرسە›› ناملىق فىلىم كىنو ھەپتىلىكىنىڭ باشلىنىش فىلىمى سۈپىتىدە ئەڭ دەسلەپتە قازاقىستان خەلقى بىلەن يۈز كۆرۈشىدىكەن. كىنو ھەپتىلىكىگە قاتناشتۇرۇلغان فىلىملەرنىڭ تېمىسى مول، مىللىي ئالاھىدىلىكى كۈچلۈك، بۇ فىلىملەردە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ سەمىمىي ھېسسىياتى، مىللەتلەر ئارىسىدىكى چوڭقۇر مېھىر – مۇھەببەت، شىنجاڭدىكى تەرەققىيات – ئۆزگىرىشلەر، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىناق – ئىتتىپاق، گۈزەل، باياشات تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئىكەن.

     كىنو كۆرگەزمىسى مەزگىلىدە، جۇڭگو – قازاقىستان كىنو ئىجادىيىتى مۇھاكىمە يىغىنى، كىتاب ھەدىيە قىلىش مۇراسىمى، ئىمزا قويۇش مۇراسىمى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ. جۇڭگو شىنجاڭ ئاخبارات – نەشرىيات – رادىيو – كىنو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى دۆلەت كۇتۇپخانىسىغا جۇڭگونىڭ قەدىمكى زاماندىكى غەربىي يۇرت ۋە زامانىۋى شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن نوپۇزلۇق ئەسەر ‹‹شىنجاڭ مەجمۇئەسى›› دىن 90 يۈرۈش ۋە بەش خىل يېزىقتىكى كىتاب سوۋغا قىلىپ، مەدەنىيەت ئەسەرلىرى ئارقىلىق قازاقىستان خەلقىنىڭ شىنجاڭغا بولغان چۈشىنىشىنى كۈچەيتىدۇ. كىنو ئىجادىيىتى مۇھاكىمە يىغىنى 6 – ئاينىڭ 12 – كۈنى ئالمائاتا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈپ، جۇڭگو – قازاقىستان ئىككى دۆلەتنىڭ كىنو ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر زامانىۋى كىنو مەدەنىيىتى ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىپ، جۇڭگو – قازاقىستان ئىككى دۆلەتنىڭ كىنو – تېلېۋىزىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئۇل سېلىندى.

     بۇ قېتىمقى قازاقىستان جۇڭگو كىنو كۆرگەزمىسى شىنجاڭ كىنو ھەپتىلىكى جۇڭگو شىنجاڭنىڭ قازاقىستاندا تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزگەن كىنو – تېلېۋىزىيە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى، بۇ پائالىيەت ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ئىستراتېگىيەسىنىڭ تۈرتكىسىدە، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى بىلەن بولغان مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى كېڭەيتىپ، كۆپ تەرەپلىك ئالاقە ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.