مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرى

    ‹‹چارۋىچىلار روھى›› فىلىمىنى سۈرەتكە ئېلىش باشلاندى

    ئامانگۈل2017-06-02 15:43:51شىنجاڭ گېزىتى

      مۇيەسسەر ئاباھامىتنىڭ تەڭرىتاغ كىنو ئىستۇدىيەسىدىن ئىگىلىشىچە، قازاق خەلقىنىڭ يايلاق كۆچۈش ھېكايىسى باش تېما قىلىنغان تەسىرلىك فىلىم ‹‹چارۋىچىلار روھى›› يېقىندا مورى ناھىيەسىدە سۈرەتكە ئېلىنىشقا باشلىغان.

     فىلىمدە باش پېرسوناژ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ يايلاق كۆچۈش جەريانىدىكى جاپا – مۇشەققەتلىرى تەسۋىرلىنىپ، قازاق چارۋىچىلارنىڭ ئىلگىرىكى ئات – تۆگىلىك يايلاق كۆچۈش جەريانىنىڭ تولىمۇ جاپالىق ئىكەنلىكى، ھازىرقى زامانىۋى قاتناش قوراللىرى بىلەن يايلاق كۆچۈشنىڭ چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشىغا تولىمۇ قولايلىق ئېلىپ كەلگەنلىكى شۇنداقلا قازاق چارۋىچىلارنىڭ بەختىيار تۇرمۇشى بايان قىلىنغان.

     تەڭرىتاغ كىنو ئىستۇدىيەسىنىڭ باشلىقى گاۋ خۇاڭگاڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ فىلىم مورى ناھىيەسىدە سۈرەتكە ئېلىنىۋاتىدۇ. فىلىمدە قازاق خەلقىنىڭ تۆت پەسىلدىكى تۇرمۇشى تەسۋىرلىنىپ، شىنجاڭنىڭ گۈزەل تاغ – دەريالىرى تولۇق نامايان قىلىنىدۇ.

     جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، قازاق مىللىتىنىڭ تۇرمۇشىدىمۇ زور ئۆزگىرىش بولۇپ، زامانىۋى قاتناش قوراللىرى بىلەن يايلاق كۆچىدىغان ياخشى شارائىت بارلىققا كەلدى. فىلىم سۈرەتكە ئېلىنىپ بولۇنغاندىن كېيىن، 2018 – يىلى يازدا ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› بويىدىكى دۆلەتلەردە قويۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى، قازاق خەلقىنىڭ تۇرمۇشىدىكى زور ئۆزگىرىشلەر نامايان قىلىنىدۇ.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.