مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    سۈرەتتىكى دۇنيا

    سىكوت ۋە ئۇنىڭ مومىسى

    رەنا2017-06-01 12:37:50تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
     ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 30-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ فىلورىدا ئىشتاتىدىكى ئۈچ ياشلىق قىز سىكوت كېسەللىك ئۈستىدىن غالىپ كەلگەن مومىسىنى تەبرىكلەپ، مومىسى بىلەن بىرگە بىر يۈرۈش سۈرەتكە چۈشكەن.
     سىكوت تور چولپىنى بولۇپ، دائىم چولپانلارنى، مەسىلەن ناخشىچى ئادېل، رەسسام فېرىدا دىگەندەك چولپانلارنى دوراپ چۈشكەن سۈرەتلىرىنى ئالاقە تورىغا چىقىرىدىكەن، نۆۋەتتە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى 43 مىڭغا يەتكەن.
     2016-يىلى سىكوتنىڭ مومىسى دىئانا سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ، سىكوت دىئاناغا ھەمرا بولۇش جەريانىدا مومىسىنىڭ نەقەدەر باتۇر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ ھەمدە مومىسى ساقايغاندا ئۇنىڭ بىلەن بىرگە سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرۇشنى پىلان قىلىدۇ. كېيىنكى ئىشلار ئەلۋەتتە بىز سۈرەتتە كۆرۈپ تۇرغاندەك راۋاجلىنىدۇ.
     
     
     

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.