مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرى

    قەشقەر ۋىلايەتلىك ناخشا–ئۇسسۇل–تىياتىر ئۆمىكىنىڭ نومۇرلىرى گۇما دېھقانلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى

    ئامانگۈل2017-05-23 17:38:51شىنجاڭ گېزىتى

      ئەنۋەرجان مەتنىياز خەۋەر قىلىدۇ: 5 – ئاينىڭ 8 – كۈنى، گۇما ناھىيەسىنىڭ باشلەڭگەر يېزىسى سازام كەنتى قورۇسى ئادەتتىكىدىن تاشقىرى قاينام – تاشقىنلىققا چۆمگەن بولۇپ، بۇ يەردە ياڭرىغان ناخشا، مۇزىكا ساداسى دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ قەلب تارىنى چەكتى.

     بۇ كۈنى قەشقەر ۋىلايەتلىك ناخشا – ئۇسسۇل – تىياتىر ئۆمىكىدىكى ئارتىسلار ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە مەدەنىيەتتە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش مەقسىتىدە، گۇما ناھىيەسىگە كەلگەندىن كېيىنكى 14 – مەيدان ھال سوراش ئويۇنىنى بۇ كەنتتە قويدى.

     ھەر بىر مەيدان ئويۇن چوڭ تىپتىكى كوللېكتىپ ئۇسسۇل ‹‹باھاردىكى ئۇچرىشىش›› بىلەن باشلاندى. ئويۇندا ‹‹ئامان بولسۇن››، ‹‹گۈللە ۋەتەن››، ‹‹چىقىش يولى›› قاتارلىق سەنئەت نومۇرلىرى ئالاھىدە ماھارەت بىلەن ئورۇنلاندى. تالانتلىق ئاكتىيورلاردىن ئەركىن مەتقاسىم، نۇرئەلى، نېلۇپەر قاتارلىقلار ئورۇندىغان ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمىتىگە بېغىشلانغان ‹‹چىقىش يولى›› ناملىق ئېتۇت تاماشىبىنلارنى ئالاھىدە جەلپ قىلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ياشلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ ‹‹ئۇيغۇر ياشلارغا بەش سوئال››ناملىق ئوچۇق خەت ئاساسىدا ئىشلەنگەن كوللېكتىپ ئىجراسىدىكى مۇزىكىلىق دېكلاماتسىيە ‹‹ياشلارغا سۆز›› ئويۇننى يۇقىرى پەللىگە كۆتىرىپ، ئويۇن كۆرگىلى كەلگەن ياشلارنىڭ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئىشەنچى، ئىرادىسىنى مۇستەھكەملىشىگە زور ئىلھام ۋە مەدەت بەردى.

     ئۇقۇشىمچە، بۇ قېتىمقى مەدەنىيەتتە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ھال سوراش ئويۇنى بۇ ناھىيەدە يەنە 40 مەيدان قويۇلىدىكەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.