مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرى

    ئۆزبېكىستاننىڭ ئەنئەنىۋى تامىقى ــ پولۇ

    ئايگۈل ئابدۇللا2017-04-27 12:44:34تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     

       بىر ئاشپەز 26-ئاپرېل، ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنتتىكى ئوتتۇرا ئاسىيا پولۇ مەركىزىدە پولۇ ئەتمەكتە. تاشكەنتتىكى ئەڭ ئېگىز قۇرۇلۇش ــ تېلېۋىزىيە مۇنارى ئەتراپىغا جايلاشقان ئوتتۇرا ئاسىيا پولۇ مەركىزى «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىرىنچى پولۇ مەركىزى» دەپ نام ئالغان بولۇپ، بۇ جاي ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 7:00دىن كەچ سائەت 6:00گىچە كىشىلەرنى مەززىلىك پولۇ بىلەن تەمىنلەيدۇ. پولۇ ئۆزبېكىستاننىڭ ئەنئەنىۋى تامىقى، ئۇنىڭ ئاساسلىق ماتېرىياللىرى گۈرۈچ، سەۋزە، قوي گۆشى بولۇپ، ھەر قايسى جايلاردىكى پولۇنىڭ تەمىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئاساسلىق ماتېرىياللاردىن باشقا، يەنە قوشۇمچە خۇرۇچلارمۇ پولۇ تەمىنىڭ بىر-بىرىگە ئوخشاش بولماسلىقىدىكى ئاساسلىق سەۋەب. پولۇنىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ، ئېتىلىشى ۋە ئىشلىتىلىش ئورنى بويىچە توي مۇراسىمى پولۇسى، چايخانا پولۇسى، ئوردا پولۇسى قاتارلىقلارغا، يەرلىك تەم بويىچە تاشكەنت پولۇسى، قوقەند پولۇسى، بۇخارا پولۇسى، ئەنجان پولۇسى، سەمەرقەنت پولۇسى، خارەزىم پولۇسى، نەمانگان پولۇسى قاتارلىقلارغا ئايرىلىدۇ.


     (شىنخۇا ئاگنېتلىقى مۇخبىرى سادات فوتوسى)

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.