مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرى

    ‹‹تەكلىماكاندىكى ناغرا ساداسى››ناملىق فىلىم بېيجىڭدا تۇنجى قېتىم قويۇلدى

    ئامانگۈل2017-04-21 11:04:56شىنجاڭ گېزىتى

      مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋەر قىلىدۇ: تەڭرىتاغ كىنو ئىستۇدىيەسى ئىشلىگەن 2017 – يىللىق نۇقتىلىق فىلىم ‹‹تەكلىماكاندىكى ناغرا ساداسى›› 4 – ئاينىڭ 17 – كۈنى چۈشتىن كېيىن تۇنجى قېتىم بېيجىڭ خەلق سارىيىدا قويۇلدى.

     فىلىمدە مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلىرىدا يۈز بەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەر ئارقا كۆرۈنۈش، ئاپتونوم رايونىمىزدا قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى يىپ ئۇچى قىلىنىپ، ئايگۈل ئىسىملىك بىر قىزنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە ئۇسسۇلچى بولۇش ئارزۇسىغا يەتكەنلىكىدەك تەسىرلىك ھېكايە بايان قىلىنغان.

    ئۇقۇشىمچە، بۇ فىلىمنى ئىشلەشنى ‹‹مېھىر – مۇھەببەت›› فىلىمىنى ئىشلىگەن ئىجادىيەت كوللېكتىپى ئۈستىگە ئالغان، فىلىمدە تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ چېتىگە جايلاشقان يىراق بىر كەنتتىكى ئۇيغۇر قىزنىڭ ئۇسسۇلچى بولۇش ئارزۇسى چۆرىدىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۆزگىچە تۇرمۇش پۇرىقى ۋە سەنئەت كەيپىياتى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

     بۇ فىلىم ناھايىتى تەسىرلىك ئىشلىنىپتۇ. فىلىمدە شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرى ياخشى تاللىنىپتۇ، فىلىمنى كۆرۈۋېتىپ، تەسىرلەنگەنلىكىمدىن كۆزۈمگە ياش كەلدى، ئايگۈلنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ياردىمىدە ئارزۇسىغا يېتىپ، چوڭ سەھنىدە ئۆز ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلغانلىقىنى كۆرگەندە ھاردۇقىم چىققاندەك بولدى، دېدى مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى شىنجاڭ سىنىپىنىڭ كۇرسانتى ئۆمەرجان روزى.

     دۆلەتلىك 1 – دەرىجىلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپ مۇنداق دېدى: بۇ فىلىم كېرىيە ناھىيەسى، قەشقەر شەھىرى ۋە يوپۇغا ناھىيەسىدە سۈرەتكە ئېلىندى، فىلىمگە قاتناشقان ئاممىۋى ئارتىسلارمۇ ناھايىتى كۆپ بولدى، فىلىمدە ئارتىسلارنىڭ ئۆز ئاۋازى بېرىلدى، ھەقىقىي ۋەقەلىك ئاساس قىلىندى. شۇڭا بۇ فىلىمنىڭ ‹‹مېھىر – مۇھەببەت›› فىلىمىگە ئوخشاش تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. بۇ فىلىم يېقىندا ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، قازاقچە ئۈچ خىل تىلدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.