مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرى

    ‹‹كىنونى ھەممە ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش›› پائالىيىتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرمىللەت ئاممىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى

    ئامانگۈل2017-04-18 11:21:55شىنجاڭ گېزىتى

     مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋەر قىلىدۇ: يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ تېرىم بازىرى يېڭىئۆستەڭ كەنتىدىكى دېھقانلار 4 – ئاينىڭ 8 – كۈنى كەچتە كەنت قورۇسىدا ‹‹قۇربان تۇلۇمنىڭ بېيجىڭغا سەپىرى›› فىلىمىنى كۆرگەندىن كېيىن، قۇربان تۇلۇمنىڭ پارتىيەنى، ۋەتەننى سۆيۈش روھىغا ۋارىسلىق قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى. بۇ كەنتتە ئولتۇرۇشلۇق 70 ياشلىق تۇراخۇن سەمەت مۇنداق دېدى: بۇ فىلىمنى بۈگۈن چوڭ ئېكراندا كۆرۈپ، ئىنتايىن ھاياجانلاندىم. مەن بالا – چاقىلىرىم ۋە يۇرتىمىزدىكى ياشلارغا بۇرۇنقى كۈنلىرىمىز بىلەن ھازىرقى بەختىيار تۇرمۇشىمىزنى سېلىشتۇرۇپ چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارنى ھەر ۋاقىت قۇربان تۇلۇمنىڭ روھىدىن ئۆگىنىشكە، ھازىرقى بەختىيار تۇرمۇشنىڭ قەدرىگە يېتىشكە يېتەكلەيمەن.

     ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان قانات يايدۇرۇلغان ‹‹كىنونى ھەممە ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش›› پائالىيىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەسۋىرلەنگەن ‹‹قۇربان تۇلۇمنىڭ بېيجىڭغا سەپىرى››، ‹‹ئۈرۈمچى ئاسمىنى››، ‹‹ئەزىم دەريا›› قاتارلىق ئۈچ فىلىم يېزا – كەنتلەردە قايتىدىن قويۇلۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئۇلار بۇ ئۈچ فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىن، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسرايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

     ئاپتونوم رايونلۇق كىنو – فىلىم تارقىتىش – قويۇش شىركىتى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان فىلىملەرنى تارقىتىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى مۇخلىس سالاھىدىن مۇنداق دېدى: بىز ‹‹كىنونى ھەممە ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش›› ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، مەخسۇس گۇرۇپپا تەشكىللەپ، بۇ ئۈچ فىلىمنى شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىنوخانىلاردا قايتىدىن قويۇش بىلەن بىللە، خادىملارنى يېزا – كەنتلەرگىچە بېرىپ قويۇشقا تەشكىللىدۇق. بۇ فىلىملەر قويۇلغاندىن كېيىن، ئاممىنىڭ ئىنكاسى ئىنتايىن ياخشى بولدى. بىز يەنە ياخشى فىلىملەرنى كۆپرەك تەرجىمە قىلدۇرۇپ، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش ئۈچۈن تىرىشىمىز.

     ئۇقۇشىمچە، بۇ پائالىيەت باشلانغاندىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى %90تىن كۆپرەك يېزا – كەنتتە ‹‹قۇربان تۇلۇمنىڭ بېيجىڭغا سەپىرى››، ‹‹ئۈرۈمچى ئاسمىنى››، ‹‹ئەزىم دەريا›› قاتارلىق ئۈچ فىلىم 7000 مەيداندىن كۆپرەك قويۇلۇپ، كىنو كۆرگۈچىلەر 1 مىليون 500 مىڭ ئادەم (قېتىم)گە يەتكەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.