مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرى

    ‹‹مېھىر–مۇھەببەت››فىلىمى بىلەن ‹‹پۇل دېگەن شۇنداق نەرسە›› فىلىمى ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە قىزغىن ئالقىشلاندى

    ئامانگۈل2017-04-13 11:23:20شىنجاڭ گېزىتى

      مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋەر قىلىدۇ: تەڭرىتاغ كىنو ئىستۇدىيەسى ئىشلىگەن، رېژىسسور شىرزات ياقۇپ رېژىسسورلۇق قىلغان، ‹‹جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن ئون شەخس››نىڭ بىرى ھەنىپە ئانىنىڭ ئىش – ئىزلىرىغا ئاساسەن ئىشلەنگەن ‹‹مېھىر – مۇھەببەت›› فىلىمى بىلەن ئارسلان ئابدۇكېرىم رېژىسسورلۇق قىلغان، ئابدۇكېرىم ئابلىز، دىلشات بارات، مۇھەممەتجان روزى سايىت باش رول ئالغان ‹‹پۇل دېگەن شۇنداق نەرسە›› ناملىق كومېدىيەلىك فىلىم 3 – ئاينىڭ 28 –، 29 – كۈنى ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دۇبەي شەھىرىدە تۇنجى قېتىم قويۇلۇپ، تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

     بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى دۆلەت ئاخبارات – نەشرىيات – رادىيو – كىنو – تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى تەشكىللىگەن، جۇڭگونىڭ دۇبەيدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى، تەڭرىتاغ كىنو ئىستۇدىيەسى بىلەن دۇبەي خەنزۇچە – ئەرەپچە سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن بولۇپ، پائالىيەتكە دۆلەت ئاخبارات – نەشرىيات – رادىيو – كىنو – تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دۇڭ گاڭ، جۇڭگونىڭ دۇبەيدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى لى لىڭبىڭ، دۇبەي خەنزۇچە – ئەرەبچە سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسىنىڭ باشلىقى مەجىد، تەڭرىتاغ كىنو ئىستۇدىيەسىنىڭ بەزى رەھبەرلىرى ۋە بۇ ئىككى فىلىمدە رول ئالغان ئارتىسلاردىن قۇندۇزئاي تاش، ئابدۇكېرىم ئابلىز قاتارلىقلار قاتناشتى.

     ئۇقۇشىمچە، 3 – ئاينىڭ 28 – كۈنى ‹‹مېھىر – مۇھەببەت›› فىلىمى دۇبەيدە تۇنجى قېتىم قويۇلغاندا نۇرغۇن دۇبەيلىك فىلىمنى كۆز يېشى قىلىپ تۇرۇپ كۆرگەن، 3 – ئاينىڭ 29 – كۈنى ‹‹پۇل دېگەن شۇنداق نەرسە›› فىلىمى قويۇلغاندا، فىلىمنىڭ قىزىقارلىقلىقى، كومېدىيەلىكلىكى بىلەن زور ئالقىشقا ئېرىشكەن. بۇ ئىككى فىلىمنىڭ تەسىرى ۋە فىلىمدە رول ئالغان ئاكتىيورلار يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كەڭ تەشۋىق قىلىنغان.

     ئىلگىرى ‹‹مېھىر – مۇھەببەت›› فىلىمى بىلەن ‹‹پۇل دېگەن شۇنداق نەرسە›› فىلىمى مەملىكەت ئىچى – سىرتىدا نۇرغۇن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ‹‹مېھىر – مۇھەببەت›› فىلىمى مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ‹‹بەش بىر قۇرۇلۇش›› مۇكاپاتىغا ۋە دۆلەت كىنو ئىدارىسى تارقاتقان ‹‹جۇڭگودىكى تارقىلىش كۈچى ئەڭ گەۋدىلىك بولۇش تۆھپە مۇكاپاتى›› شەرىپىگە ئېرىشكەن، ھىندىستان، رۇسىيە، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، كورېيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۆتكۈزۈلگەن كىنو فېستىۋاللىرىغا قاتناشتۇرۇلۇپ، خەلقئارادىمۇ ياخشى باھاغا ئېرىشكەن. بۇلتۇر 4 – ئايدا ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا مىللەتلىرى كىنو فېستىۋالىدا ‹‹ئەڭ ياخشى كىنو مۇكاپاتى››غا ئېرىشىپ ئېلىمىزگە شەرەپ كەلتۈرگەن. ‹‹پۇل دېگەن شۇنداق نەرسە›› فىلىمى جۇڭگو كىنوچىلىقىنىڭ ئەڭ يۇقىرى مۇكاپاتى ‹‹ئالتۇن خوراز›› مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، ئىچكىرى ئۆلكىلەر ۋە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا قويۇلۇپ قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. 2015 – يىلى فىرانسىيە، ئەنگلىيە ۋە قىرغىزىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن كىنو فېستىۋاللىرىغا قاتنىشىپ ياخشى باھاغا ئېرىشكەن.

     ئۇقۇشىمچە، بۇ ئىككى فىلىم بۇ قېتىم ئەرەپ تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان ئىكەن. 

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.