مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دۆلەت ۋە مىللەت

    ئادەمسىز شەھەرگە ئايلانغان فۇكۇ شىما

    رەنا2017-03-16 15:44:53تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
     
     ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 14-مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيەنىڭ يادرو چىقىپ كېتىش ھادىسىسى يۈز بەرگەن فۇكۇ شىمادا يەرلىك ھۆكۈمەت تارقاقلاشتۇرۇش بۇيرۇقىنى بىكار قىلغان. بۇ يەردىكى ئاھالىلەر يۇرتىغا قايتسا بولىدىغان بولسىمۇ، ئەمما ھەدىدىن زىيادە يۇقىرى رادىياتسىيە مىقدارى ۋە ئولتۇراق رايونىدىكى ياۋا تۇڭگۇزلار يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ يولىنى توسۇپ قويغان.
     2011-يىلى ياپونىيەنىڭ فۇكۇ شىمادا 9 بال قاتتىق يەر تەۋرەپ، 10 مېتىر ئېگىزلىكتە دېڭىز شاۋقۇنىنى كەلتۇرۇپ چىقارغان. بۇنىڭ بىلەن فۇكۇ شىمادىكى بىرىنچى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قاتتىق زەخمىگە ئۇچراپ، كۆپ مىقدارىدا يادرو چىقىپ كەتكەن. ھادىسىدە 15 مىڭ ئادەم قازا قىلغان.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.