مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مودا ۋە ئېقىم

    ئەرلەر كۆينىكىنىڭ بىر قانچە خىل كىيىلىشى توغرىسىدا

    رەنا2017-03-16 11:10:32تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
     
     ئاياللارنىڭ كىيىمگە ئامراقلىقى، شۇنداقلا مودا قوغلىشىدىغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان، لېكىن پەقەت ئاياللارلا ياسانچۇق بولامدۇ؟ ياق، ياق. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئەرلەرمۇ ياسىنىپ، ئۆز لاتاپىتىنى نامايان قىلىپ كەلمەكتە. ئۇلارمۇ بىزگە ئوخشاش بۇ يىلقى ياكى بۇ پەسىلدىكى مودا ئامىلغا ياكى مودا كىيىنىشكە كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئۇنداقتا بۈگۈن بىز ئەرلەر كۆينىكىنىڭ بىر قانچە خىل كىيىلىشى توغرىسىدا توختىلايلى.
     1. كۆينەكنىڭ يېڭىنى قاتلىۋېلىڭ.
     
     2. ئورۇق، ياش يىگىتلەر كۆينەكنىڭ ئىچىگە ئېگىز ياقىلىق كىيىم كېيىۋالسىڭىز تېخىمۇ قامەتلىك كۆرۈنىسىز (بوينى قىسقا يىگىتلەر بۇ خىل كىيىنىشنى ئۇنتۇپ كېتىڭ).
     
     
     3. كۆينەكنىڭ ئۈستىگە پوپايكا كىيىڭ، ياقىسىنى چىقارماڭ (بۇ خىل كىيىنىشنى قىزلار ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ).
     
     
     4. كىلاسسىك كاستۇم ئىچىگە كۆينەك كىيىڭ. بۇنىڭدا كۆينەك بىلەن كاستۇم، شۇنداقلا گالىستۇكنىڭ رەڭگى چوقۇم ماسلاشقان بولۇشى كېرەك (كوپتىنىڭ ياقىسىنى ھەرگىز كاستۇمنىڭ سىرتىغا چىقارماڭ).
     

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.