مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    تەبىئەت

    ئالقانچىلىك چوڭلۇقتىكى دەرەخ پاقىسى

    رەنا2017-03-14 15:43:41تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
     
     ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 12-مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ئاۋسترالىيەدە بىر ئائىلە كىشىلىرى ساياھەتكە چىققاندا ھەددىدىن زىيادە چوڭ بىر دەرەخ پاقىسىنى ئۇچراتقان. بۇ ھەم يېشىل، ھەم مايلىق دەرەخ پاقىسى ئالقانچىلىك چوڭلۇقتا بولۇپ، خۇددىي چوڭ بىر پارچە تاشقا ئوخشايدىكەن.
     مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئاۋسترالىيە دەرەخ پاقىسىنىڭ ئۇزۇنلىقى ئادەتتە 11 سانتىمېتىردىن 14 سانتىمېتىرغىچە بولىدىكەن. چىشى پاقا ئەركەك پاقىغا قارىغاندا يوغانراق بولىدىكەن. ئەمما، يېمەكلىك مول، شۇنداقلا كۈشەندىلەر ئاز جايلاردا دەرەخ پاقىسى دەرىجىدىن تاشقىرى يوغىناپ كېتىدىكەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.