مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئاجايىپ _ غارايىپ

    تېرىسى «كۈلۈپ» تۇرغان يىلان

    رەنا2017-03-09 13:06:06تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 7-مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىدىكى بىر بوغما يىلاننىڭ تېرىسىدىكى گۈللەر خۇددى ئۈندىدارنىڭ چىراي ئىپادىسى ئىچىدىكى كۈلۈمسىرىگەن چىرايغا ئوخشايدىغان بولۇپ، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىكەن. بۇ بوغما يىلاننىڭ تېرىسى پۈتۈنلەي ئاق رەڭدە بولۇپ، گۈللىرى سېرىق رەڭدە ئىكەن. ئۇنىڭ بەدىنىدە ئۈچ «چىراي ئىپادىسى» بولۇپ، ھەممىسى كۈلۈپ تۇرغان ھالەتتە ئىكەن. ئىگىلىنىشىچە، يىلان تېرىسىنىڭ گۈللىرىنى پۈتۈنلەي گېن بەلگىلەيدىكەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.