مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئاجايىپ _ غارايىپ

    يېشىل رەڭلىك دەريا

    رەنا2017-03-07 12:11:12تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
     
     ئەنگلىيە «ئەينەك گېزىتى»نىڭ 4-مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 2-مارت ئەنگلىيەدىكى بىر دەريانىڭ سۈزۈك سۇلىرى بىر كېچىدە ئوچۇق يېشىل رەڭگە ئايلىنىپ قالغان. گەرچە يېشىل رەڭلىك دەريادا ئوخشىمىغان بىر خىل گۈزەللىك بولسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى سۇ بۇلغانغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ ئەندىشە قىلغان.
     ئىگىلىنىشىچە، بۇ دەريانىڭ مەنبەسى ئىسپانىيەگە قوشنا دۆلەت ئاندوررانىڭ چىگراسى ئىچىگە جايلاشقان بولۇپ، بۇ دەريا مەنبەدىن باشلاپلا يېشىل رەڭدە ئىكەن. ئىسپانىيە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئەندىشىسىگە قارىتا مۇتەخەسسىسلەر دەريا سۈيىنىڭ زەھەرسىز، شۇنداقلا بۇلغانمىغانلىقىنى ئېيتىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئالاقىزادە بولماسلىقىنى بىلدۈرگەن.
     يېقىندا ئىسپانىيە ئەمەلدارلىرى بۇ ئىشقا چۈشەنچە بەرگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، دەريا سۈيى سۈپىتىنى تەتقىق قىلىش ئېھتىياجى ئۈچۈن، دەرياغا بىر خىل رېئاكتىۋ قوشۇلغان بولۇپ، بۇ خىل رېئاكتىۋ زەھەرسىز ئىكەن، شۇنداقلا سۇنى بۇلغىمايدىكەن.
     

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.