مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرى

    ‹‹كۆڭلۈم كېچىسى›› سەنئەت كېچىلىكى سۈرەتكە ئېلىندى

    ئامانگۈل2017-03-06 17:23:40شىنجاڭ گېزىتى

     بۇ يىل پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ئېچىلىدىغان، ‹‹13 – بەش يىل›› ۋە ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان مۇھىم يىل. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاياللىرىنىڭ يېرىم دۇنيالىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاياللارنىڭ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشتىكى ئاۋانگارتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، ئىلغار مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقىتىشنى كۈچەيتىش، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش مەقسىتىدە، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئۇنىۋېرسال قانىلى ‹‹كۆڭلۈم كېچىسى›› تېمىسىدىكى 8 – مارت خانىم – قىزلار بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكىنى سۈرەتكە ئالدى.

     2 – ئاينىڭ 22 – كۈنى كەچتە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ فىلىمغا ئېلىش زالى ھەر مىللەت ئايال تاماشىبىنلىرى بىلەن لىق تولدى. ناخشىچى ئادىلە ئابلىزنىڭ ‹‹تەبىئەت ئانام›› ناملىق ئۇسسۇللۇق ناخشىسى بىلەن باشلانغان سەنئەت كېچىلىكىدە، ‹‹قارلىق كېچە››، ‹‹ئاتا تەبىرى››، ‹‹قەدىردان ئانام››، ‹‹كۆڭلۈم كېچىسى››، ‹‹ئاياللار قەلبى›› قاتارلىق نادىر ناخشىلار ئېيتىلدى؛ ‹‹قەرز›› قاتارلىق ئېتۇتلار، ‹‹چۈشۈمدىكى مەن ۋە مەن›› ناملىق مىكرو مۇزىكىلىق تىياتىر ئوينالدى.

     بۇ سەنئەت كېچىلىكى بۇ يىللىق 8 – مارت خانىم – قىزلار بايرىمى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى سوۋغا بولغۇسى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.