مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئاجايىپ _ غارايىپ

    سۈۋەرەككە سۇ ئىچكۈزۈش

    رەنا2017-03-06 12:51:46تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
     ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 2-مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئارگېنتىنا پايتەختى بۇئېنوس ئايرېستا تۇرۇشلۇق بىر ھاشارات مەستانىسىنىڭ تارتقان بىر ۋىدىيوسى كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغان. ۋىدىيودا بۇ ھاشارات مەستانىسى ئەرمەك سۈۋەرەكىنى ئالقىنىغا قويۇپ، بارمىقىنىڭ ئۇچى ئارقىلىق سۈۋەرەككە بىر تامچە سۇ ئىچكۈزگەن. سۈۋەرەك ناھايىتى يۇۋاشلىق بىلەن ئىگىسىنىڭ ئالقىنىدا يېتىپ سۇ ئىچكەن.
     ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ ھاشارات مەستانىسىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ھەرخىل ھاشاراتلارنى ياخشى كۆرىدىكەن. ئۇ بۇ ۋىدىيونى تارتىش ئارقىلىق كىشىلەرگە سۈۋەرەكنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۈنداق قورقۇنچلۇق ۋە يىرگىنچلىك ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.