مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئاجايىپ _ غارايىپ

    ئىككى چىش بىلەن تۇغۇلغان بوۋاق

    رەنا2017-02-23 10:52:05تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
     ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 21-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەنىڭ فېرىك ئۆلكىسى راگىب شەھىرىدىكى 29 ياشلىق سامانسا بىر ئوماق قىز بوۋاق تۇغقان. ئەمما تۇغۇتتىن كېيىن سېسترا سامانساغا يېڭى تۇغۇلغان قىزىنىڭ ئىككى چىشى بارلىقىنى ئېيتقان. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان سامانسا ھەيران قالغان.
     ئىگىلىنىشىچە، ئادەتتە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا 6 ئايدىن كېيىن چىش چىقىشقا باشلايدىكەن. دوختۇر ئېلا لۇس نۇرغۇن ئايالنى تۇغدۇرۇپ باققان بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىل ئەھۋالغا ئۇچراپ باقمىغان ئىكەن. دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە، بوۋاقنىڭ ئوتتۇرا چىشى چۈشۈپ كەتسە، ئۇدۇل گېلىگە بېرىپ، بالىنى تۇنجۇقتۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن ئىكەن. شۇڭا سامانسا بەك ئېھتىيات قىلىشى كېرەك ئىكەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.