مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئاجايىپ _ غارايىپ

    ئۇيقۇدىكى ساھىبجامال

    رەنا2017-02-20 11:47:21تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
     ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 16-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىدىكى 23 ياشلىق قىز دېلانى 18 يېشىدا كىلەينى-لەۋىن يىغىندى كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، ئادەتتە ئۇ بىر قانچە ھەپتە قاتتىق ئۇيقۇغا كېتىدىكەن، شۇ سەۋەبلىك ئۇ نۇرغۇن بايرام، تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ۋە ئۆزىنىڭ 21 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى ئۇيقۇ بىلەن ئۆتكۈزگەن. ئىگىلىنىشىچە، ئۇ ئادەتتە تەخمىنەن 15 سائەتتىن 20 سائەتكىچە ئۇخلايدىغان بولۇپ، ئويغاق ۋاقتىدا ئەس-ھۇشىنى يوقاتقاندەك يۈرىدىكەن. بۇ كېسەل دەۋرىيلىك بولۇپ، بىر قانچە ھەپتىدە ياكى بىر قانچە ئايدا بىر قوزغىلىدىكەن.
     كىلەينى-لەۋىن يىغىندى كېسىلى يەنە ئۇيقۇدىكى ساھىبجامال كېسىلى، دەۋرىيلىك ئۇيقۇ كېسىلى، پاتولوگىيەلىك ئاچلىق يىغىندى كېسىلى دېيىلىدىغان بولۇپ، بۇ ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان نېرۋا سىستېمىسى نورمالسىزلىقىدىن كېلىپ چىقىدىكەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.