مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرى

    ئۈرۈمچى شەھىرىدە مەدەنىيەت–تەنتەربىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتى يەنىمۇ تېزلىتىلىدۇ

    ئامانگۈل2017-02-16 15:46:31شىنجاڭ گېزىتى

      خالىدە ئوبۇل خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرى ‹‹مەدەنىيەت – تەنتەربىيە كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئائىت بىر نەچچە تۈرلۈك تەدبىر››نى تۈزۈپ تارقاتتى، بۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدە مەدەنىيەت – تەنتەربىيە كەسپىنىڭ يەنىمۇ تېز تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

     ‹‹تەدبىر››دە كۆرسىتىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى مەدەنىيەت – تەنتەربىيە كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەخسۇس مەبلىغى تەسىس قىلىدىكەن، شەھەر مالىيەسى ھەر يىلى مەدەنىيەت – تەنتەربىيە كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، 50 مىليون يۈەن مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئۆسۈم تولۇقلىمىسى، مۇكاپاتلاش، بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئۈرۈمچى شەھىرىدە نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇلۇۋاتقان ھۈنەر – سەنئەت بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، تېلېۋىزىيە، رادىيو، كىنو، مەدەنىيەت – سەنئەت، ئاخبارات – نەشرىيات، قار – مۇز ساياھەتچىلىكى قاتارلىق كەسىپلەرنى يۆلەيدىكەن. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى رايون (ناھىيە)لار ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، مەدەنىيەت – تەنتەربىيە كەسپىي تەرەققىيات مەخسۇس مەبلىغى تەسىس قىلىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مەدەنىيەت – تەنتەربىيە كەسپىي تەرەققىياتىنى پۇختا مەبلەغ كاپالىتىگە ئىگە قىلىدىكەن.

     ئۈرۈمچى شەھىرى مەخسۇس مەبلەغ تەسىس قىلغاندىن سىرت، بىر قېتىمدا بېرىلىدىغان مۇكاپات، تولۇقلىمىنى كۆپەيتىدىكەن، ئۈرۈمچى شەھىرىدە قۇرۇلغان ھەر دەرىجىلىك مەدەنىيەت كەسپى ئۈلگە رايونى، ھەر دەرىجىلىك مەدەنىيەت كەسپى ئۈلگە بازىسى، دۆلەت دەرىجىلىك تەنتەربىيە كەسپى ئۈلگە بازىسى بىر قېتىمدا 10 مىڭ يۈەندىن 300 مىڭ يۈەنگىچە مۇكاپات، تولۇقلىمىغا ئېرىشەلەيدىكەن، نادىر سەھنە ئەسەرلىرى، كارتون فىلىملەر، ئاخبارات، ئەدەبىيات – سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلغان، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان كوللېكتىپ، شەخسلەرمۇ بىر قېتىمدا بېرىلىدىغان مۇكاپات، تولۇقلىمىغا ئېرىشەلەيدىكەن، بۇ مۇكاپات، تولۇقلىمىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سوممىسى 500 مىڭ يۈەن بولىدىكەن.

     ئۈرۈمچى شەھىرى يەنە پۇقراۋى كارخانىلارنى مۇزېي، كۇتۇپخانا، گۈزەل سەنئەت سارىيى، مەدەنىيەت سارىيى، كىنوخانا، تىياتىرخانا، تەنتەربىيە سارىيى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىشقا رىغبەتلەندۈرىدىكەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.