مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرى

    ‹‹تۆھپىكار رېژىسسور ۋە ھوسۇللۇق ئۇسسۇل ئىجادىيەتچىسى›› ئابلىمىت توختى

    زاھىدە مۇتەللىپ2017-02-10 16:31:11شىنجاڭ گېزىتى

    خۇدابەردى ئابدۇللا

     2016 – يىلى 1 – ئاۋغۇستتىن باشلاپ شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ كىنو – تېلېۋىزىيە تىياتىرى قانىلىدا كۆرسىتىلگەن ‹‹قەشقەردىكى ھېكايە›› ناملىق 38 قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى جامائەتنى خۇددى تاغ باغرىدا يېقىلغان گۈلخاندەك ئۆزىگە جەلپ قىلىۋالدى.

     تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى بۇنداق جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە قىلغان نەرسە تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ ماھىرلىق بىلەن يېزىلغانلىقىدىن باشقا، پېرسوناژلارنىڭ ئۆز رولىنى تولىمۇ جانلىق ئېلىپ چىققانلىقىدا. بېشىغا قىزىل مەنپۇ دوپپا، ئۇچىسىغا يېشىل تون كىيگەن، كەكە ساقال، قولىدا ھاسىسى بار ئائىلە باشلىقى قادىر ئاكا مانا شۇ پېرسوناژلارنىڭ بىرى. قادىر ئاكا رولىنى ئالغان ئابلىمىت توختى ئۆزىنىڭ 80 ياشقا كىرىپ قالغىنىغا قارىماي، ئۆز رولىنى ياشانغانلارغا خاس سالاپەت بىلەن ناھايىتى جانلىق ئېلىپ چىقتى.

     قەشقەر ۋىلايەتلىك ناخشا – ئۇسسۇل، تىياتىر ئۆمىكىنىڭ دۆلەتلىك 2 – دەرىجىلىك ئۇسسۇل رېژىسسورى، ئۇسسۇل ئىجادىيەتچىسى ئابلىمىت توختى ‹‹قۇرۇتلاپ كەتكەن كۆل›› تېلېۋىزىيە فىلىمىدىمۇ يۇرت ئاقساقىلى سەمەتخان غوجام رولىنى غەلىبىلىك ئورۇندىغان. ئۇ 1937 – ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئازاق يېزىسىدا تۇغۇلۇپ، باشلانغۇچ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى ئۆز يۇرتىدا ئوقۇغاندىن كىيىن، 1955 – يىلى شىنجاڭ ئىنستىتۇتى (ھازىرقى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى)نىڭ سەنئەت فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنىپ 1958 – يىلىغىچە ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن قەشقەر ۋىلايەتلىك ناخشا – ئۇسسۇل، تىياتىر ئۆمىكىگە ئورۇنلىشىپ، 1996 – يىلغىچە رېژىسسورلۇق ھەم ئۇسسۇل ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇ ئۆزىنىڭ 38 يىللىق سەنئەت ھاياتىدا 15 يىل ئۇسسۇل ئوينىدى. 22 يىل ئۇسسۇل ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، شەكلى خىلمۇ خىل 250دىن ئارتۇق ئۇسسۇل نومۇرىنى ئىجاد قىلدى. 12 ۋىلايەت، 50دىن ئارتۇق ناھىيە، يېزىدا قويۇلغان 2500 مەيدان ئويۇنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايون تەشكىللىگەن ھال سوراش ئۆمىكى تەركىبىدە نەنجىڭ، شاڭخەي، ۋۇخەن قاتارلىق جايلاردا ئويۇن قويۇپ شىنجاڭغا شان – شەرەپ كەلتۈردى.

     1964 – يىلى ئابلىمىت توختى ھاياتىدا ئۇنتۇلماس بىر يىل بولدى. شۇ يىلى مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ 2 – قېتىملىق ئىشتىن سىرتقى سەنئەت كۆرىكىگە قاتناشقان ئارتىسلارغا كەسپىي يېتەكچى بولۇپ، ماۋ زېدۇڭ، ليۇ شاۋچى، جۇ دې قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشتى.

     1965 – يىلى ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ ئون يىللىقىنى تەبرىكلەش چوڭ تىپتىكى مەخسۇس سەنئەت كېچىلىكىنىڭ ئىجادىيەت گۇرۇپپىسىغا قاتنىشىپ، ۋەزىپىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ‹‹2 – دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى›› دەپ ئەنگە ئېلىندى.

     1980 – يىلى بېيجىڭدا ئېچىلغان مەملىكەتلىك 3 – نۆۋەتلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل بولۇپ قاتنىشىپ، دىڭ شياۋپىڭ قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ سەمىمىي قوبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولدى.

     شۇ يىللاردا ئىشلىگەن ‹‹قەشقەردە باھار››، ‹‹قەشقەر ساماسى››، ‹‹باھار ئەلچىسى››، ‹‹پەنجىگاھ مەشرىپى››، ‹‹كېپىنەك›› قاتارلىق ئۇسسۇللار قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن بىر قانچە قېتىملىق سەنئەت كۆرەكلىرىدە 1 – دەرىجىلىك ئورۇنداش مۇكاپاتىغا، ئىجادىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشتى؛ 1985 – يىلى ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىشلەنگەن ‹‹تەڭرىتاغدا كۈز›› ناملىق چوڭ تىپتىكى ناخشا – ئۇسسۇللۇق داستاننىڭ ئىجادىيىتىنى ئىشلەشكە قاتنىشىپ، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ ‹‹ئالاھىدە خىزمەت كۆرسەتكەن تۆھپىكار رېژىسسور›› شەرىپىگە ئېرىشتى. 1987 – يىلى ئىجاد قىلغان ‹‹خۇشال يىگىتلەر››، ‹‹سەھەر پەيزى››، ‹‹رابىيە – سەئىدىن›› قاتارلىق ئۇسسۇللار شۇ يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك سەنئەت بايرىمىدا بىرىنچى، ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ئابلىمىت توختى سەھنىلەشتۈرگەن ‹‹ئاماننىسا – پەنجىگاھ›› ناملىق چوڭ تىپتىكى ناخشا – ئۇسسۇل كېچىلىكى 1989 – يىلى 9 – ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن 2 – نۆۋەتلىك سەنئەت بايرىمىدا 1 – دەرىجىلىك رېژىسسورلۇق ۋە ئورۇنلاش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. مىللىي خاسلىق بىلەن يەرلىك ئالاھىدىلىك مۇجەسسەملەنگەن ‹‹قەشقەر ساماسى››، ‹‹قەشقەر قىزى›› نومۇرلىرى يېرىم ئەسىردىن بۇيان سەھنىدىن چۈشمەي، چوڭ – كىچىك سەنئەت كېچىلىكلىرىدە ئوينالماقتا.

     ئابلىمىت توختى 1996 – يىلى دەم ئېلىشقا چىققان بولسىمۇ، ئارام ئالماي، سىجىل ئۇسسۇل ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، مىللىي خاسلىق، يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە، دەۋر روھى چاقناپ تۇرىدىغان نادىر نومۇرلارنى ئىجاد قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ كۈندىن – كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان مەنىۋى ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن تىرىشماقتا. ئۇ سەھنىلەشتۈرگەن ‹‹مۇقام يۇرتىدا يېڭى كۈي›› ناملىق چوڭ تىپتىكى ناخشا – ئۇسسۇل كېچىلىكى 3 – نۆۋەتلىك شىنجاڭ مەدەنىيەت – سەنئەت بايرىمىغا قاتناشتۇرۇلۇپ، سەنئەت بايرىمى تەشكىلى كومىتېتى تەرىپىدىن ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك سەھنە ئەسىرى قىلىپ بېكىتىلدى1997. – يىلى قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم، مەمۇرىي مەھكىمە ‹‹مۇقام يۇرتىدا يىڭى كۈي›› ناملىق چوڭ تىپتىكى ناخشا – ئۇسسۇل كېچىلىكىنى خۇلاسىلەش، مۇكاپاتلاش يېغىنى ئېچىپ، ئۆمەك كوللېكتىپىنى مۇكاپاتلىغاندىن باشقا، تۆھپىسى زور بولغان ئابلىمىت توختى قاتارلىق 20 نەپەر سەنئەتچىنىمۇ مۇكاپاتلىدى. ئۇ سەھنىلەشتۈرگەن ‹‹قەشقەردە باھار›› ناملىق چوڭ تىپتىكى ناخشا – ئۇسسۇل كېچىلىكى 1999 – يىلى 10 – ئايدا ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۆتكۈزۈلگەن يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇنەۋۋەر ناخشا – ئۇسسۇل كۆرىكىدە كوللېكتىپ تۈردە ۋە ئورۇنلاش تۈرىدە 2 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.