مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مودا ۋە ئېقىم

    مېيىپ قىزنىڭ مودېل بولۇشى

    رەنا2017-02-07 13:08:28تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
     چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرىدىغان مېيىپ كىشىلەرمۇ گۈزەللىككە ۋە مودىغا ئىنتىلىدۇ. ئۆزىگە ئىشىنىش ھەقىقىي گۈزەللىكتۇر. ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 4-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 23 ياشلىق ئۇكرائىنالىق قىز ئالىكساندىرا يۇلۇنى زەخىملەنگەنلىكتىن مېڭىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغان. ئەمما ئۇ سەھنىلەردە ئۆز گۈزەللىكىنى نامايان قىلىپ، مودېل بولۇشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن. كىشىلەر ئۇنىڭ بۇ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشمايدىغان چۈش، دەپ مازاق قىلغان، ئەمما ئۇ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا بىر مىنۇتمۇ بوشاشمىغان. ئۇ دوستىنىڭ ياردىمىدە ئۇكرائىنالىق كىيىم لايىھەلىگۈچى فېردو بىلەن تۇنۇشقان، فېردو ئۇنىڭغا يېقىندا باشلانماقچى بولغان كىيىم كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىشىنى ئېيتقان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، توختاملىق مودېلغا ئايلانغان.
     
     

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.