مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئاجايىپ _ غارايىپ

    ئەنگلىيەدىكى قارا تەنلىك ئايال ئىككى ئاق تەنلىك بوۋاق تۇغدى

    ئايگۈل ئابدۇللا2017-02-06 16:50:12تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 29-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيەنىڭ بۇككېنخامدىكى 35 ياشلىق قارا تەنلىك ئايال كازىرىنا خوۋاز يېقىندا ئاق تەنلىك، كۆك كۆزلۈك ئىككىنچى پەرزەنتى سوفىيەنى تۇغۇپ، تېببىي ساھەنى ھەيران قالدۇرغان.

     ئىگىلىنىشىچە، كازىرىنانىڭ ئاتا-ئانىسى نىگېرىيەدىن كەلگەن بولۇپ، جەمەتىدە ئاق تەنلىكلەر بىلەن تويلىشىش ئەھۋالى يوق ئىكەن. كازىرىنا ئاق تەنلىك ئەرگە ياتلىق بولغاندىن كېيىن، ئاق تەنلىك، كۆك كۆزلۈك بىر ئوغۇل، بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان، بۇ ئەھۋال مىليون ئادەم ئىچىدىكى بىرەر ئادەمدە كۆرۈلىدىكەن. تېببىي ساھەدىكىلەر «ئايال تەرەپنىڭ ئەجدادىدا ئاق تەنلىكلەر بولۇپ، بۇ ئايالدىن تۇغۇلغان بالىدا ئەۋلاد ئاتلىغان ئېرسىيەت كۆرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن» دېگەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.