مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئاجايىپ _ غارايىپ

    كۆرگەزمە قىلىنغان قەبىلە ئادىمى

    رەنا2017-02-03 12:12:23تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

      ئەنگلىيەلىك « كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 30-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا بىر يۈرۈش رەڭسىز سۈرەت كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتقان بولۇپ، سۈرەتتە ھايۋاناتلار باغچىسىغا سولانغان بىر قەبىلە ئادىمى كۆرگەزمە قىلىنغان.

      سۈرەتتە، ئۈستىنكى بەدىنى يالىڭاچ، يۈزلىرى ھەر خىل رەڭدە بويالغان، قوللىرىدا قەدىمىي قۇراللارنى تۇتۇپ تۇرغان قەبىلە ئادەملىرى  مىدىر -سىدىر قىلماي كىشىلەرنىڭ كۆرگەزمە قىلىشىنى كۈتۈپ تۇرغان.

        ئىگىىنىشىچە، بۇ سۈرەت ئون توققۇزىنچى ئەسىرنىڭ ئاخىردىن يىگىرمىنچى ئەسىرگىچە تارتىلغان. شۇ چاغلاردا يىگىرمىدىن ئارتۇق ئاۋستىرالىيەلىك قەبىلە ئادىمى ياۋروپا ۋە شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كۆرگەزمە قىلىنغان. 

        ئاۋستىرالىيەلىك كىنو ماھارىتى ئۇستىسى فىلىپ راڭ بۇ سۈرەتلەرنى يىغىپ توپلاپ  تارىخ خاتىرىسى نامىدىكى كىتابنى چىقارغان. خەۋەر قىلىنىشىچە بۇ كىتاب ئىيۇندا فىرانسىىيەدە نەشىر قىلىپ تارقىتىلىدىكەن.

     

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.