مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرى

    «غەربىي يۇرت گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى توپلىمى» نەشر قىلىندى

    ئامانگۈل2017-01-16 11:00:35شىنجاڭ گېزىتى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 14- يانۋار تېلېگراممىسى. دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق نەشر تۈرى «غەربىي يۇرت گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى توپلىمى» يېقىندا نەشر قىلىندى.

     شىنجاڭ مەدەنىيەت نەشرىياتى بىلەن تيەنجىن گۈزەل سەنئەت نەشرىياتى ئۈچ يىل تىرىشىش ئارقىلىق جەمئىي 12 توملۇق «غەربىي يۇرت گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى توپلىمى»نى تۈزۈپ چىقتى. توپلام قىياتاش رەسىملىرى، رەسساملىق، ھەيكەلتىراشلىق، ھۈنەر- سەنئەت، كىيىم- كېچەك، قۇرۇلۇش، كۈسەن قىزىل مىڭئۆي تام رەسىملىرى، كۈسەن قۇمتۇرا مىڭئۆيى غارىدىكى تام رەسىملىرى، ئىدىقۇت مىڭئۆي تام رەسىملىرى قاتارلىق قىسىملارغا بۆلۈنگەن. توپلامغا غەربىي يۇرت ئىلمى ۋە غەربىي يۇرت گۈزەل سەنئەت تەتقىقاتىدىكى يېڭى نەتىجىلەر كىرگۈزۈلگەن. بۇ جۇڭگودىكى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنى رەتلەپ، ساقلاپ، نامايان قىلىپ، ئەۋج ئالدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىدىغان نەشر تۈرى ھېسابلىنىدۇ.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.