مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئاجايىپ _ غارايىپ

    پاكىستانلىق ئەر پالۋان بولۇش ئۈچۈن كۈچەپ يوغىنىماقتا

    ئايگۈل ئابدۇللا2017-01-13 11:40:34تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

       ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 12-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، بوي ئېگىزلىكى 1.9 مېتىر، ئېغىرلىقى 436.36 كىلوگرام كېلىدىغان پاكىستانلىق ئەر دۇنيادىكى ئەڭ قاۋۇل ئەر، دەپ قارالغان. ئىگىلىنىشىچە، پاكىستان مارداندا ياشايدىغان خىزېر ھايات ئىسىملىك بۇ ئەر «پاكىستانلىق گىگانت ئادەم» دەپ ئاتالغان. بىر سىن فىلىمىدە خىزېر ھايات كېتىۋاتقان تىراكتور ۋە ئاپتوموبىلنىڭ مېڭىشىنى پەقەت قولى بىلەنلا توختىتىۋالغان. 25 ياشلىق خىزېر ھايات ئۆزىنىڭ دۇنياۋى ئېغىرلىق كۆتۈرۈش چېمپىيونى بولۇپ، ھەققىي پالۋانغا ئايلىنىش ئۈمىدى بارلىقىنى، شۇڭا ئىسسىقلىق كالورىيەسى كۆپ يېمەكلىكلەرنى يەپ، كۈچىنىڭ بارىچە يوغىناۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.