مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرى

    چوڭ تىپتىكى ناخشا–ئۇسسۇللۇق فىلىم ‹‹ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل›› سۈرەتكە ئېلىنىپ بولدى

    ئايگۈل ئابدۇللا2017-01-04 18:16:43شىنجاڭ گېزىتى

          مۇخبىرىمىز مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى، شىنجاڭ ‹‹داسىن›› مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىشىپ ئىشلەۋاتقان چوڭ تىپتىكى ناخشا – ئۇسسۇللۇق فىلىم ‹‹ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل››نى سۈرەتكە ئېلىش خىزمىتى 12 – ئاينىڭ 23 – كۈنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى.

        ‹‹ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل›› فىلىمىنى سۈرەتكە ئېلىش خىزمىتى بۇ يىل 9 – ئايدا باشلانغان بولۇپ، فىلىمدىكى باش رولنى ‹‹جۇڭگو ياخشى ئۇسسۇل›› سەھنىسىدە ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن گۈلمىھرە مۇھەممەت بىلەن مەملىكەتلىك مۇسابىقىلەردە شۆھرەت قازانغان ياش ئۇسسۇلچى ئۈمىد ئوبۇل ئالغان. مەملىكىتىمىزدە تونۇلغان رېژىسسور يەن چىڭشيۇ رېژىسسورلۇق قىلغان بۇ فىلىمنىڭ مۇزىكىسىنى دۆلەتلىك 1 – دەرىجىلىك كومپوزىتور ئابلەت ئابلىكىم قاتارلىق بىر تۈركۈم قابىلىيەتلىك ياشلار ئىجاد قىلغان؛ فىلىمدىكى ئۇسسۇللارنى شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئىجادىيەت ئىشخانىسىنىڭ ياش رېژىسسورى زەبىجان ئادىل ئىشلىگەن بولۇپ، فىلىمدە مىللىيچە ئۇسسۇل، ئوردا ئۇسسۇللىرى ۋە زامانىۋى ئۇسسۇللار ئوينىلىپ، ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرىنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك خاسلىقى يارقىن ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىلگەن. فىلىمدە رول ئالغان ئارتىسلارنىڭ كىيىم – كېچىكىنى ‹‹ئالىم ئادىل›› كىيىم لايىھەلەش شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئالىمجان ئادىل لايىھەلىگەن.

        ‹‹جۇڭگونىڭ زامانىۋى ئۇسسۇل پېشۋاسى›› جىن شىڭ بۇ فىلىمگە باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ ناخشا – ئۇسسۇللىرى مەملىكىتىمىزدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، شۇڭا ئېلىمىزدە ناخشا – ئۇسسۇللۇق فىلىم ئىشلەشكە شىنجاڭ ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدۇ. مەن مەملىكەتلىك مۇسابىقىدىكى تۇنجى مۇكاپاتقا شىنجاڭدىكى ئۇستازلار ئۆگەتكەن تاجىكچە ئۇسسۇلنى ئويناپ ئېرىشكەن. شىنجاڭنىڭ ناخشا – ئۇسسۇللىرى ئىنتايىن گۈزەل ھەم نەپىس، شىنجاڭ تېمىسىدىكى كىنولار ئىچىدە ناخشا – ئۇسسۇللۇق فىلىم بولمىسا بەك ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولاتتى، بۇ فىلىم شىنجاڭنىڭ ناخشا – ئۇسسۇللىرىنى مەملىكىتىمىزگە تېخىمۇ تونۇتىدۇ.

        ئۇقۇشىمچە، بۇ فىلىمنىڭ كېيىنكى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرى جىددىي ئىشلىنىۋېتىپتۇ.

        

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.