مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرى

    سوۋغا بېرىش ئادەتلىرىمىز

    ئامانگۈل2017-01-03 17:15:34شىنجاڭ گېزىتى

    ئوسمانجان ھېمىت

     سوۋغا بېرىش ئۇزاق تارىختىن بۇيان شەكىللەنگەن، ئوخشىمىغان سورۇن ۋە ئوخشىمىغان ئۇسۇللار ئارقىلىق بىر – بىرىگە سوۋغا تەقدىم قىلىشىپ، قەلبلەرنى يېقىنلاشتۇرۇپ كىشىلەر ئارا ئىناق، ئىتتىپاقلىق، دوستلۇقنى ئىپادىلەيدىغان بىر خىل ئادەت شەكلى.

     خەلقىمىز ئارىسىدىكى سوۋغا بېرىش ئادەتلىرى مەزمۇن، شەكىل، تۈر جەھەتتىن ئاستا – ئاستا ئۆزگىرىپ ياكى ئەسلىي ھالىتى بويىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە. تۆۋەندە تۇرمۇشىمىزدا ئومۇملىشىۋاتقان سوۋغا بېرىش ئادەتلىرى ئۈستىدە توختىلىمىز.

     توي سوۋغاتلىرى

     توي – تۆكۈنلەردە قىز – يىگىتلەر بىر – بىرىنى مۇۋاپىق كۆرسە كۆرۈشۈپ ئارزۇلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە ئوغۇللار ئۈزۈك، ھالقا، قىزلار گۈل چېكىلگەن قول ياغلىق، سائەت ياكى قولدا ياسالغان بۇيۇملارنى سوۋغا قىلىشىدۇ. داستىخان تاشلاش ۋە تويلۇق مەسلىھەتلەردە ئوغۇل تەرەپ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا قاراپ، زىبۇ – زىننەت، كىيىملىك رەخت، نان، قەنت – گېزەك، چاي ۋە باشقا ئۇن، گۈرۈچ، ياغ دېگەندەك يېمەكلىكلەرنى ئېلىپ بارىدۇ. توي زىياپىتى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقاندىمۇ خىلمۇخىل سوۋغا – سالام بېرىش داۋاملىشىپ تۇرىدۇ.

     توينىڭ ئەتىسى قىز – يىگىتنىڭ ئاتا – ئانىسىغا سالامغا كىرگەندە قىزغا زىبۇ – زىننەت، كىيىم – كېچەك سوۋغا قىلىنىدۇ. يەڭگىلەرگىمۇ سوۋغا بېرىلىدۇ. يىگىتمۇ قىز تەرەپكە سالامغا بارغاندا سوۋغىغا ئېرىشىدۇ. يۈز ئاچقۇ كۈنىدە يەنە ئۆزئارا سوۋغا بېرىش ئادىتى بار.

     سۈننەت توي سوۋغاتلىرى

     ئوغۇللار خەتنە قىلىنغاندا، سۈننەت تويى بولغاندا ئادەتتە ئوغۇلغا تاغا، ھاممىلىرى پۇل، تاتلىق – تۈرۈملەرنى، كىيىملەرنى، دوستلىرى بولسا ئويۇنچۇق سوۋغا قىلىدىغان ئادەت ئومۇملاشقان.

     سەپەر سوۋغىتى

     كىشىلىك تۇرمۇشتا تۈرلۈك ئىش بىلەن يۇرتىدىن چىقماقچى بولسا سوۋغا بېرىپ يوللۇق تۇتۇلىدۇ. سەپەرگە چىققانلارغا ئادەتتە پۇل، نان، كىيىم، رەخت، تۇرمۇش بۇيۇملىرى، ئوقۇشقا ماڭغانلارغا ئوقۇش قورالى، كىيىم، تۇرمۇش بۇيۇمى، پۇل، يېمەك – ئىچمەك سوۋغا بېرىلىدۇ. سىرتقا سەپەرگە چىققانلارمۇ يوللۇق تۇتقانلارغا مۇۋاپىق خاتىرە بۇيۇم ئالغاچ كېلىدۇ.

     بايرام، خاتىرە كۈن، دوستلار يىغىلىشى، تەبرىكلەش سوۋغىتى

     بۇ تۈرلۈك بايرام، خاتىرە كۈنلىرىدە قارشى تەرەپ ياقتۇرىدىغان بۇيۇم، كىيىم – كېچەك، زىبۇ – زىننەت، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىدىن سوۋغا بېرىشنى كۆرسىتىدۇ.

     كېسەل يوقلاش سوۋغىتى

     ئادەتتە كېسەل كىشى ئۆيدە بولسا نان، قەنت، گۆش، ئەگەر دوختۇرخانىدا بولسا مېۋە – چىۋە، پۇل، ئاغرىققا لازىملىق نەرسە، گۈل قاتارلىقلار ئېلىپ بېرىلىپ، ئەھۋال سورىلىدۇ.

     ھازىر شاخسىمان سوۋغاتلار كۆپىيىپ كەتتى. دەۋر تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ غەربلەشكەن سوۋغا تۈرلىرى قوشۇلماقتا، سوۋغات بۇيۇملىرى تەييار بۇيۇم ياكى پۇلغا مەركەزلەشتى. سوۋغات رازىلىقى بىلەن بەرگەن قەرزگە ئايلىنىپ سوۋغاتنى سوۋغات ئارقىلىق قايتۇرۇش ياكى قىممەت ئالماشتۇرۇشقا ئوخشاش يېڭى ئىجادىيەتلەر پەيدا بولدى.

     قىسقىسى، ئۆزئارا سوۋغا – سالام بېرىش كىشىلەرنىڭ مەنىۋىيىتىنى بېيىتىدىغان بىباھا ئەنئەنە بولۇش سۈپىتى بولۇش بىلەن بىللە مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە سوۋغا ئادەتلىرىمىز مىننەتسىز، تەمەسىز ئېلىپ بېرىلىپ، كىشىلەرگە خۇشاللىق ۋە ياخشى تىلەكلەرنى ئېلىپ كېلىپ، روھى توسالغۇلارنى راۋانلاشتۇرۇشتا ئىجابىي رول ئوينايدۇ. شۇڭا، خەلقىمىزنىڭ سوۋغا بېرىش جەھەتتىكى ئەسلىي مىللىي ئەنئەنىسىنى ساقلاپ، كۆڭۈل ئىپادىلەشنى ئاساسىي ئورۇنغا قويۇپ، ساغلام يول ئارقىلىق بۇ گۈزەل ئەخلاقىمىزنى داۋاملاشتۇرۇش ھەر بىرىمىزنىڭ بۇرچىدۇر.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.