مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دۇنياغا نەزەر

    يەر شارىدىكى ئەڭ سوغۇق جايلار

    ئامانگۈل2013-06-03 16:35:24شىنجاڭ گېزىتى

        يەر شارىدىكى بەزى جايلاردا يىلدا بىرنەچچە كۈنلا قۇياش نۇرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇنداقتا بۇ جايلار قايسىلار؟

       1.رۇسىيەدىكى ئويمياكون

       رۇسىيەدىكى سىبىرىيەنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان ئويمياكون رۇسىيەدىكى ئەڭ سوغۇق جاي بولۇپلا قالماي، شىمالىي يېرىم شاردىكى ‹‹سوغۇق قۇتۇپ››دۇر، ھاۋا تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 71.1 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشىدۇ. بۇ جاينىڭ قاتتىق سوغۇق بولىدىغان باشقا جايلارغا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، بۇ جاينىڭ ئۇزاق مۇددەت ئولتۇراقلاشقان ئاھالىلىرى بار.

       2. رۇسىيەدىكى ۋېرخويانىسكىي

       ۋېرخويانىسكىي سىبىرىيەنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى يانا دەرياسى ساھىلىغا جايلاشقان بولۇپ، شىمالىي قۇتۇپ چەمبىرىكىنىڭ شىمالىي قىسمىغا توغرا كېلىدۇ. بۇ يازدا قاتتىق ئىسسىق، قىشتا قاتتىق سوغۇق بولىدىغان جاي. بۇ جاينىڭ رۇسىيەدىكى قىش پەسلىدىكى ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى تۆۋەن 67.7 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشىدۇ؛ بۇ يەر يەنە يىللىق تېمپېراتۇرا پەرقى ئەڭ چوڭ بولۇپ، قىش يازنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى 107 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كېتىدۇ.

       3.كانادا يۇكونسايئېركوك قورغىنى

       بۇ جاي تولىمۇ سوغۇق بولغاچقا، ئىلگىرى ئادىمىزات ئاياغ باسمىغان يەر ئىدى. ھازىر بۇ يەردىمۇ ئادەملەر ئولتۇراقلاشتى، بىراق ئۇلار ئايروپىلان ياكى كېمىلەر بىلەنلا بېرىپ كېلەلەيدۇ. يۇكونسايئېركوك قورغىنىنىڭ ئەڭ سوغۇق بولىدىغان ۋاقتى 1 – ئاي بولۇپ، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 58.89 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشىدۇ.

       4.كانادادىكى يۇكونسنۇگ

       كانادادىكى بۇ كىچىك جاينىڭ قىش پەسلى ئىنتايىن سوغۇق بولۇپ، تامغان سۇمۇ يەرگە چۈشكىچە مۇزغا ئايلىنىپ بولىدۇ. دائىم ھاۋانى تۇمان قاپلاپ شىۋىرغان چىقىپ تۇرىدۇ. بۇ جاينىڭ ئەڭ سوغۇق مەزگىلى 1 – ئاي بولۇپ، خاتىرىلەنگەن ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 63 سېلسىيە گىرادۇس بولغان. بۇ شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىنىڭ رېكورتى ھېسابلىنىدۇ. بۇ جاي ئىككىلەمچى قۇتۇپ رايونى كىلىماتىغا تەۋە بولغاچقا، ياز پەسلى قىسقا، ئەمما ئىللىق بولىدۇ.

       5.ئامېرىكا ئالياسكا ئىشتاتى مەنزىرە جىلغىسى

       بۇ مەنزىرە جىلغىسى ئالياسكا ئىشتاتىدىكى فايربانكىسىنىڭ شىمالىدىكى 290 كىلومېتىرلىق ئورۇنغا جايلاشقان بولۇپ، ئەڭ دەسلەپتە كان قازغۇچىلارنىڭ تۇرۇشلۇق جايى ئىدى، ھازىر ئامېرىكىدىكى ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا رېكورتىنى ساقلاپ قېلىش بىلەن مەشھۇر. بۇ تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 62 سېلسىيە گىرادۇستىن ئىبارەت. بۇ جاي ئىككىلەمچى قۇتۇپ رايونى كىلىماتىغا تەۋە بولغاچقا، قىش پەسلى ئۇزاق ياز پەسلى قىسقا بولىدۇ، نۆۋەتتە بۇ جاينىڭ ھاۋا كىلىماتى بارغانسېرى ناچارلاشماقتا.

       6. ئامېرىكىنىڭ مونتانا ئىشتاتىدىكى روجاس قانىلى

       روككى تاغ تىزمىسىغا جايلاشقان روجاس قانىلىنىڭ ئەڭ سوغۇق مەزگىلى 3 – ۋە 4 – ئايلار بولۇپ، خاتىرىلەنگەن ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 56.5 سېلسىيە گىرادۇس بولغان، بۇمۇ ئامېرىكا زېمىنىنىڭ قۇرۇقلۇق بوسۇغىسىدىكى ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا رېكورتى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ.

       7.گىرېنلاندىيە Ice North

       Ice North ئىلگىرى بىر پەن – تەتقىقات پونكىتى بولۇپ، تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ 20 – ئەسىرنىڭ 50 – يىللىرىدا گىرېنلاندىيەدىكى بۇ بىر پارچە ئىچكى قۇرۇقلۇقتا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يەرنىڭ سوغۇقلۇق دەرىجىسى دۇنيادا 5 – ئورۇندا تۇرغان، خاتىرىلەنگەن ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 66 سېلسىيە گىرادۇس بولغان.

       8. گىرېنلاندىيە ئىسمىتتې

       بۇ جاي گىرېنلاندىيەدىكى شىمالىي قۇتۇپ رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ ئىللىق بولىدىغان 7 – ئايدىكى ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسىمۇ نۆلدىن تۆۋەن ئوننەچچە سېلسىيە گىرادۇس. بۇ جاينىڭ ھەممىلا يېرىدە مۇزلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ، شۇڭا ئۇ جاي يەنە ‹‹مۇزلۇقتىكى شەھەر›› دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ جايدا خاتىرىلەنگەن ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 66 سېلسىيە گىرادۇس بولغان.

       9. جەنۇبىي قۇتۇپ شەرق پونكىتى

       رۇسىيەنىڭ شەرق پونكىتى شەرقىي جەنۇبىي قۇتۇپ چوڭ مۇزلۇقىغا جايلاشقان بولۇپ، جەنۇبىي قۇتۇپتىكى بارلىق ئىلمىي تەكشۈرۈش پونكىتلىرى ئىچىدە دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز ئورۇندا تۇرىدۇ. شەرق پونكىتى تۇرۇۋاتقان بۇ يەر ئانتىراكتىكا قىتئەسىدىكى ئەڭ سوغۇق جاي بولۇپلا قالماستىن، پۈتۈن دۇنيا بويىچىمۇ ئەڭ سوغۇق جاي ھېسابلىنىدۇ. بۇ جايدا 8 – ئايدا ئەڭ قاتتىق سوغۇق بولىدۇ، بۇ جايدا خاتىرىلەنگەن ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 89.2 سېلسىيە گىرادۇس بولغان.

       10.جەنۇبىي قۇتۇپ ئېگىزلىك ئىلمىي تەكشۈرۈش پونكىتى

       بۇ جاي يەر شارى بويىچە 2 – ئورۇندا تۇرىدىغان سوغۇق جاي بولۇپ، شەرق پونكىتىنىڭلا كەينىدە تۇرىدۇ. ئېگىزلىك ئىلمىي تەكشۈرۈش پونكىتىنى 1965 – يىلى ئامېرىكا جەنۇبىي قۇتۇپ ئېگىزلىكىنىڭ مەركىزىگە قۇرۇلغان بولۇپ، 1966 – يىلى ئىلمىي تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى باشلىغان، بىراق 1969 – يىلى تاقالغان. بۇ جايدا 7 – ئايدا قاتتىق سوغۇق بولىدۇ، بۇ جايدا خاتىرىلەنگەن ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 89.2 سېلسىيە گىرادۇس بولغان.

    كېرەمجان ئىبراھىم تەرجىمىسى