مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دۇنياغا نەزەر

    دۇنيادىكى ئۆزگىچە مەدەنىيەت مىراسلىرى

    بۇئايشەم2013-04-22 16:16:34شىنجاڭ گېزىتى

        فېراپوتوۋ موناستىرى 15 – 17 – ئەسىرلەردە سېلىنغان بولوپ مۇكەممەل ساقلانغان. ئۇنىڭ ئىچى رۇسىيەنىڭ 15 – ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى سەنئەتكارى دىئونسونىڭ تام رەسىملىرى بىلەن زىننەتلەنگەن.

        قازان قورغىنى رۇسىيە پايتەختى موسكۋانىڭ شەرقىگە، كۇبىشېۋ سۇ ئامبىرىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدا بولۇپ، قازان خانلىقىنىڭ بىر قەدىمكى مەيدانىغا سېلىنغان. 1552 – يىلى ۋولگا دەرياسى ۋادىسىدىكى پروتېستئادىننىڭ ئېپىسكوپى تۇرىدىغان جاي بولغان.

        كارل سىكرونا ھەربىي پورتى ۋە دېڭىز ئارمىيە مۇزېيى شىۋېتسىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىي بۇرجىكىگە جايلاشقان بولۇپ، 1680 – يىلى قۇرۇلغان. 17 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن 18 – ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە شىۋېتسىيەنىڭ دېڭىز ئارمىيە بازىسى بولغان. دۇنيادا ھازىرغىچە ساقلىنىۋاتقان قەدىمكى دېڭىز ئارمىيە بازىلىرىدىن بىرى بولۇپ، كېمىسازلىق، بىناكارلىق، شەھەر پىلانلاش، ھەربىي سانائەت بويىچە دۇنياغا مەشھۇر.

        قەلئە شەھىرى خارابىسى ئالجىرىيەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان، ھەمەد خەلىپىلىكىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى پايتەختى بولغان. 1007 – يىلى بىنا قىلىنىپ، 1152 – يىلى ۋەيران بولغان. بۇ يەردىكى مەسچىت ئالجىرىيەدىكى ئەڭ چوڭ مەسچىتلەرنىڭ بىرى.

        كاسالې رۇمانا داچىسى ئىتالىيەنىڭ رىم شەھىرىدىكى ئالمېرىنا مەيدانىدا بولۇپ، نۇرغۇن ھەشەمەتلىك ئىمارەتلەرنىڭ تىپىك ۋەكىلى. 4 – ئەسىردە بىنا قىلىنغان. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 3500 نەچچە كىۋادرات مېتىر.

        كاسېرېس قەدىمكى شەھىرى ئىسپانىيەنىڭ شىمالىدا بولۇپ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 29 – يىلى بىنا قىلىنغان. 12 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى سېپىل بۇ شەھەرنى ئوراپ تۇرىدۇ، ئوردا، مۇنارسىمان بىنالار ۋە تاش ئۆيلەر مۇكەممەل ساقلانغان.

        كاسېرتا خان سارىيى ئىتالىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى گۈزەل شەھەر كاسېرتاغا جايلاشقان. بۇ خان سارىيىنى ئىتالىيەنىڭ مەشھۇر ئارخىتېكتورى رۇج ۋانۋېتلى بوربون خاندانلىقىنىڭ شاھزادىسى ئۈچۈن 1752 – 1774 – يىللىرى بىنا قىلغان. جەمئىي بەش قەۋەت، 1200 ھۇجرىسى بار. 

        تۇرسۇن پىداقۇل تەييارلىغان