مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دۇنياغا نەزەر

    ھايۋانات دۇنياسىدىكى ماھىر تۈسداشلار

    شەرىپە2012-12-31 17:12:15تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

    قار دۆۋىسىمۇ ياكى كەرىقۇرمۇ؟

       ‹‹كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى يېيىش›› ئەلۋەتتە تەبىئىي قانۇنىيەت، بىراق مەيلى ئوۋچى بولسۇن ياكى ئولجا بولسۇن، قۇۋ (مەككار) ھايۋانلار ھەمىشە ئامال تېپىپ ئۆزىگە كۆپرەك ھاياتلىق پۇرسىتى ئىزدەيدۇ. دالىدىكى غازاڭلار ئارىسىدا، ئاپئاق قار ئۈستىدە، ھەتتا يىرىك دەرەخ قوۋزاقلىرىدا، ئىشقىلىپ ھەممىلا يەردە مۆكۈنۈپ تۇرغان ھايۋانلارنىڭ بارلىقىنى كىممۇ ئويلىغان دەيسىز؟

       ئەنگىلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى›› نىڭ 27-ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل 61 ياشقا كىرگەن ئامېرىكا سېئاتل ئىشتاتىلىق فوتوگراف ئانتى ۋولف ئۆتكەن 35 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، ئافرىقا يايلىقى، جەنۇبىي ئامېرىكا ئورمىنى، ئامېرىكا تاغلىق يەرلىرى، شۇنداقلا كانادا قارلىقلىرىغا قەدەم بېسىپ، كەڭ تەبىئەتتىكى ‹‹يوشۇرۇنۇش تېخنىكىسى››  قالتىس تۈسداش ھايۋانلارنىڭ ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان قىياپەتلىرىنى سۈرەتكە تارتقان.

       تۆۋەندىكى سۈرەتلەردىكى يوشۇرۇنغان ھايۋانلارنى تېپىپ چىقالامسىز؟

    زىراپىنى تاپالىدىڭىزمۇ؟

    بۆرىنى بايقىدىڭىزمۇ؟

    دەرەخ شاخلىرى بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن مۈشۈكياپىلاق

    تاشلار ئارىسىدىكى ئامېرىكا موغىسىنى كۆردىڭىزمۇ؟

    دەرەخ يوپۇرمىقى بىلەن ئوخشاش رەڭدىكى ئامازون شاتۇتىسى

    قۇمغا كۆمۈلۈۋالغان زەھەرلىك قارا يىلان

    ئوت-چۆپلەر ئارىسىغا يوشۇرۇنغان ئانا يىلپىز

    تىك يارغا چاڭگا تىزغان شۇڭقار

    تاش ئارىسىدىكى كالىفورنىيە تىيىنى

    دەرەخكە ‹‹چاپلىشىۋالغان›› كۈلرەڭ مۈشۈكياپىلاق

    چاتقالنىڭ كەينىدىكى چىپار بۇغىنى كۆرەلىدىڭىزمۇ؟

    غايىپ بولالايدىغان ماكاكا مايمۇنى

    قاردىكى ئاق قۇيرۇقلۇق تۇندرا كەكلىكى

    ئوت-چۆپ ئارىسىدىكى قارا كۆكمەت

    قۇملۇقتىكى قاپلان

    يەلپۈگۈچ قۇيرۇقلۇق لايخورەك

    تاش ئارىسىدا مېڭىپ يۈرگەن قۇش بالىسى

    ئارام ئېلىۋاتقان چۇغۇندەك

    چىلبۆرىنى تېپىپ بېقىڭ

    قىيادىكى تاغ بۆكىنى

    يوپۇرماق ئۈستىگە قونۇۋالغان كۆك رەڭلىك ئۇچلۇق تۇمشۇق قۇشقاچ