مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دۇنياغا نەزەر

    بىر يىلدا ئىككى قېتىم ئۆلۈپ تىرىلگەن رۇسىيەلىك ئايال

    شەرىپە2012-12-31 12:29:12تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

    رۇسىيەلىك ئايال بىر يىلدا ئىككى قېتىم ئۆلۈپ قايتا تىرىلگەن، ئۇ جەسەت ساقلاش ئۆيىدە ئۈچ كۈن ياتقاندىن كېيىن ھوشىغا كەلگەن

    ئۇ قىزى ۋە نەۋرە قىزى بىلەن بىللە

       جۇڭگو ئاخبارات تورى 31-دېكابىر تېلېگراممىسى: چەت ئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيەلىك 61 ياشلىق بىر موماي بىر يىل ئىچىدە ئىلگىرى-كېيىن ئىككى قېتىم ئۆلۈپ تىرىلگەن، ئارىدىكى بىر قېتىمدا جەسەت ساقلاش ئۆيىدە ئۈچ كۈن ياتقاندىن كېيىن، ‹‹مۆجىزە›› لەرچە تىرىلىپ قالغان.

       خەۋەر قىلىنىشىچە، 2011-يىلى نويابىردا، Hardy Lyudmila Steblitskaya ئىسىملىك بۇ موماي كېسەل سەۋەبىدىن دوختۇرخانىغا كىرىپ داۋالانغان، كېيىن ئۇنىڭ قىزى دوختۇرخانىغا تېلېفون قىلىپ ئانىسىنىڭ ئەھۋالىنى سورىغاندا، دوختۇر ئۇنىڭغا ئانىسىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان.

       شۇنىڭدىن كېيىن، قىزى ئانىسىنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا تەييارلىق قىلىپ، گۈل ۋە جەسەت ساندۇقلىرىنى سېتىۋالغان. ئۈچ كۈندىن كېيىن، قىزى دوختۇرخانىغا ئانىسىنىڭ جەسىتىنى ئالغىلى بارغاندا، دوختۇر جەسەت تەكشۈرۈش جەريانىنىڭ تېخى تاماملانمىغانلىقىنى ئېيتىپ، دەرھال جەسەتخانىغا جەسەتنى تەكشۈرگىلى بارغان. جەسەتنى تەكشۈرۈۋاتقاندا، دوختۇر تۇيۇقسىز خاردىينىڭ يۈرىكىنىڭ تېخى سوقۇۋاتقانلىقىنى بايقىغان، كېيىن، چۆچۈپ كەتكەن قىزى جەسەتخانىغا كىرىپ ئانىسىنىڭ ئىسمىنى چاقىرغاندا، خاردىي دەرۋەقە ھوشىغا كەلگەن.

       2012-يىلى ئۆكتەبىردە، خاردىي يەنە بىر قېتىم يۈرەك كېسىلى بىلەن دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانغان، ئۇ بۇ قېتىم پەقەت ئۈچ سائەتلا ‹‹ئۆلگەندىن كېيىن››، دوختۇرلارنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇشى بىلەن ‹‹تىرىلىپ›› قالغان.

    ئۇ قىزى ۋە نەۋرىسى بىلەن بىللە

    1-قېتىم ئانىسىنىڭ ئۆلۈپ تىرىلگەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىغان قىزىنىڭ قايغۇ ياشلىرى خۇشاللىق ياشلىرىغا ئالماشتى