مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دۇنياغا نەزەر

    ھىندىستاندىكى ‹‹مىڭ كىشىلىك كىر يۇيۇش مەيدانى››

    شەرىپە2012-12-28 10:39:05تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     

       ھىندىستاننىڭ بومباي شەھىرىدىكى Dhobighat نىڭ مەنىسى ‹‹كىر يۇيغۇچىلارنىڭ پىرىستانى›› بولۇپ، يەنە ‹‹مىڭ كىشىلىك كىر يۇيۇش مەيدانى›› مۇ دېيىلىدۇ، 150 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە بۇ جاي دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئۈستى ئوچۇق كىر يۇيۇش مەيدانىدۇر. بۇ يەردىكى كىر يۇيۇش ئىشچىلىرى ھەر كۈنى يەتتە دوللار تاپالايدۇ، 700 نەچچە ئائىلىلىك ‹‹كىر يۇيۇش›› قا تايىنىپ جان باقىدۇ.

       بۇ كىر يۇيۇش مەيدانىدا جەمئىي 800 دىن ئارتۇق كىر يۇيۇش كۆلچىكى بار بولۇپ، 1000 غا يېقىن ئادەم بىرلا ۋاقىتتا كىر يۇيالايدۇ. كىر يۇيۇشتا پۈتۈنلەي ئادەم كۈچىگە تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ، بۈگۈنكى كۈندىمۇ يەنىلا شۇنداق. ھەر كۈنى سەھەردە ۋە قاش قارايغاندا، يۈزلىگەن-مىڭلىغان كىر يۇيۇش ئىشچىلىرى بۇ جايدا كىر يۇيۇپ، بومباينىڭ ئەڭ ئۆزگىچە بىر مەنزىرىسىنى ھاسىل قىلىدۇ.

       ‹‹مىڭ كىشىلىك كىر يۇيۇش مەيدانى ›› بومباي شەھەر مەركىزىدىكى بىر شەھەر ئىچى تۆمۈريولى يېنىغا جايلاشقان بولۇپ، شەھەر ئىچى تۆمۈريولىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىن ئۆتىدىغان چوڭ كۆۋرۈكتىن بۇ مەنزىرىنى ئەڭ ياخشى كۆرگىلى بولىدۇ. كۆۋرۈكتە تۇرۇپ پەسكە قارىسىڭىز، كۆز ئالدىڭىزدا نەچچە يۈزلىگەن كىر يۇيۇش كۆلچىكى ۋە يۈزلىگەن-مىڭلىغان كىيىم قۇرۇتۇش خادىلىرى، ئاپتاپتا قۇرۇتۇلۇۋاتقان تۈمەندىن ئارتۇق كىيىم-كېچەك نامايان بولىدۇ. كىيىملەرنىڭ ئاستىدىكىسى يۇندا كېچىپ تۇرۇپ، رەڭگارەڭ كىيىملەرنى ۋە يوتقان تاشلىرىنى ئۇۋۇلاپ يۇيۇۋاتقان سانسىزلىغان كىر يۇيۇش ئىشچىلىرى.