مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دۇنياغا نەزەر

    بومبايلىق ئەر ئايالىغا قىيداپ دەرەختە توققۇز ئاي ياشىدى

    شەرىپە2012-12-27 12:40:49تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

       ئەنگىلىيە ‹‹ كۈندىلىك ئەينەك گېزىتى ›› نىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، ھىندىستاننىڭ بومباي شەھىرىدىكى Sanjay ئىسىملىك 25 ياشلىق بىر ئەر ئايالىنىڭ قوشنىسى بىلەن يوشۇرۇن ئاشنىدارچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالغاندىن كېيىن ، ئايالى ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سوراشقا ئۇنىمىغاچقا ، بىر تۈپ گۇئاۋا دەرىخىگە يامىشىپ چىقىۋېلىپ ، چۈشمەي تۇرۇۋالغان .

       يەرلىك ساقچىلارنىڭ جەزملەشتۈرۈپ ئېيتىشىچە ، سانجاي دەرەختە توققۇز ئاي تۇرغان ، بىراق ئۇ ئۆزى ھېچقانداق جىنايەت ئۆتكۈزمىگەچكە ، ساقچىلارمۇ بۇ ئىشقا ئارىلىشالمىغان .

       سانجاينىڭ سىڭلىسىنىڭ دېيىشىچە ، ئۇ يەپ-ئېچىش ، سىيىپ-چىچىشنىڭ ھەممىسىنى دەرەختە تۇرۇپلا ھەل قىلغان. ئىگىلىنىشىچە ، سانجاي دەرەختىكى مېۋە ۋە ئائىلىسىدىكىلەر ئەكېلىپ بەرگەن يېمەكلىككە تايىنىپ جان ساقلىغان . ھالبۇكى سانجاينىڭ ئايالى ئاللىبۇرۇن ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كەتكەن بولۇپ ، كەچۈرۈم سوراشقا پەقەتلا ئۇنىمىغان.