مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دۇنياغا نەزەر

    رۇسىيەنىڭ ‹‹AK-47 ئاتىسى›› يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ دوختۇرخانىغا كىرىپ قالدى

    شەرىپە2012-12-27 11:18:35تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
     

    رۇسىيەنىڭ 93 ياشلىق ‹‹ قورال-ياراغ پادىشاھى ››، ‹‹ AK-47 ئاتىسى ›› M.T.Kalashnikov

     

       جۇڭگو ئاخبارات تورى ، 27-دېكابىر تېلېگراممىسى : رۇسىيەنىڭ ئەپسانىۋى ‹‹قورال-ياراغ پادىشاھى ››، ‹‹AK-47ئاتىسى›› كالاشنىكوۋ يېقىندا پۈتۈن بەدىنى ماغدۇرسىزلىنىپ ۋە ئىششىپ كەتكەنلىكتىن 20-دېكابىر دوختۇرخانىغا كىرىپ داۋالانغان ، پەرەز قىلىنىشىچە بۇ يۈرەك كېسەللىكىدىن كېلىپ چىققان بىتاپلىق بولۇپ ، نۆۋەتتە ئۇ يەنىلا دوختۇرخانىدا قەرەللىك تەكشۈرۈنۈپ كۈتۈنۈۋېتىپتۇ ، كېسەللىك ئەھۋالىمۇ تۇراقلىشىپتۇ ، يېڭى يىلدىن بۇرۇن دوختۇرخانىدىن چىقىدىكەن .

       كالاشنىكوۋ بۇ يىل 93 ياش بولۇپ ، يۈرەك كېسىلى بار ئىكەن ، مارتتىن باشلاپ سالامەتلىكى ياخشى بولمىغاچقا قايتا خىزمەت قىلمىغان . كالاشنىكوۋ لايىھەلىگەن AK-47 رىفلېلىق مىلتىق يېرىم ئەسىردىن بۇيان دۇنياغا مەشھۇر بولۇپ، نۇرغۇنلىغان دۆلەت ئارمىيەلىرىنىڭ قورال-ياراغ ئەسلىھەلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان ، بۇ قورال 205 يىللىق تارىخقا ئىگە ئىزماش شىركىتى تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان . بۇ شىركەت رۇسىيەنىڭ بەلگىسى دەپ قارىلىدۇ ، بۇرۇنقىدەكلا رۇسىيەدىكى ئاساسلىق قورال-ياراغ ئىشلەپچىقىرىش شىركەتلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ . ھالبۇكى ، قورال-ياراغ ئېھتىياجىنىڭ ئازىيىشىغا ئەگىشىپ ، ئىزماشنىڭ تىجارىتىمۇ قىيىن ئەھۋالدا قالغان ، كالاشنىكوۋ 16 نەپەر ئىشدىشى بىلەن ئۆتكەن ئايدا زۇڭتۇڭ پۇتىنغا خەت يېزىپ ، شىركەتنى قۇتقۇزۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلغان .

     

     
    AK-47رىفلېلىق مىلتىق