مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دۇنياغا نەزەر

    ئۇرۇش ئوتى ئىچىدىكى بىگۇناھ پۇقرالار

    شەرىپە2012-12-26 11:19:16تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

       2012-يىلى شۈبھىسىزكى نىسبەتەن ئالاھىدە بىر يىل بولدى، بۇ بىر يىل ئۆزگىرىش ، ئۇرۇش ۋە ئارزۇ-ئۈمىدكە تولدى. لوندون يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ، كۆپ دۆلەتلەردە ئېلىپ بېرىلغان زۇڭتۇڭ سايلىمى ، مايالارنىڭ ‹‹قىيامەت كۈنى ›› نەزەرىيەسى ، ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقا رايونىدىكى ئۈزۈلمەس توقۇنۇشلار...بۇلارنى ئەسلىگىنىمىزدە ، بەزىدە كۈلىمىز، بەزىدە يىغلايمىز، بەزىدە ھاياجانلىنىمىز، مانا بۇ ئەسلەشكە ئەرزىيدىغان 2012-يىلى.

       2012-يىلى پۈتۈن يەر شارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۇرۇش ئوتى لاۋۇلدىدى ، سۇرىيە ئۇرۇشى توختىماي كۈچەيدى ، كونگونىڭ شەرقىدە ئىچكى قالايمىقانچىلىق يۈز بەردى ، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە توقۇنۇشتى... ئۈزۈلمەي داۋاملاشقان بۇ ئۇرۇشلاردا مىڭلىغان-تۈمەنلىگەن كىشىلەر ھاياتىدىن ئايرىلدى ، نەچچە مىليون پۇقرا ئۆي-ماكانسىز قالدى . ئۇرۇش ئوتى ئىچىدىكى ئاددىي پۇقرالار ھەر كۈنى پەقەت كوچىلاردا تەرەپ-تەرەپتىن ئۇچۇپ كېلىۋاتقان ئوقلاردىن قېچىپلا مىڭ تەسلىكتە كۈن كەچۈردى، ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشمۇ قىيىن بولدى. يېڭى بىر يىلدا، بىز تېخىمۇ تىنچ-خاتىرجەم دۇنيانى كۆرۈشنى بەكمۇ ئۈمىد قىلىمىز، دۇنيا تىنچلىققا، بىگۇناھ پۇقرالار ئامانلىققا موھتاج !

     

     

    شۇ يەر ۋاقتى 2012-يىلى 18-ئىيۇل، سۇرىيە ھومس، يارىلانغان قىزچاق تىنچلىق قول ئىشارىتى قىلماقتا

     

     

    شۇ يەر ۋاقتى 2012-يىلى 16-نويابىر، غەززەنىڭ شىمالى، پەلەستىنلىك 11 ياشلىق ئوغۇل Fares Sadallah ۋەيران قىلىنغان ئۆيىنىڭ سىرتىدا يىغلىماقتا


     

    شۇ يەر ۋاقتى 2012-يىلى 26-نويابىر، كونگو Goma دا، سېسترا بەش ياشلىق Gloire Sebahunde نىڭ قورسىقىدىكى ئوقنى ئالماقتا، Gloire Sebahunde چىراي ئىپادىسىدىن ئىنتايىن ئازابلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ


     

    شۇ يەر ۋاقتى 2012-يىلى 8-مارت، سۇرىيە Idlib، ئەھمەد دادىسىنىڭ دەپنە مۇراسىمىدا يىغلىماقتا، ئۇنىڭ دادىسىنى سۇرىيە بۆكتەرمە ئەسكەرلىرى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن


     

    شۇ يەر ۋاقتى 2012-يىلى 15-ئاۋغۇست، سۇرىيە ھەلەب ئەتراپىدىكى Azaaz بازىرى، بىر ئايال ئېرىنىڭ مېيىتىنى كۆرگەندىن كېيىن ، ئۆلۈپ كەتكەن بالىسىنى قۇچاقلاپ چىرقىراپ يىغلاپ كەتتى . سۇرىيەنىڭ Azaaz بازىرى ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ، ئاز دېگەندىمۇ 20 ئادەم قازا قىلدى ، ئارىسىدا بالىلارمۇ بار


     

    شۇ يەر ۋاقتى 2012-يىلى 22-نويابىر، كونگونىڭ شەرقىدىكى Sake شەھىرى ، كونگو ئەسكەرلىرى بىلەن ئۆكتىچىلەر كەسكىن ئېتىشىشىپ كەتتى، بىر ئايال ئۇچقاندەك قاچماقتا 


     

        شۇ يەر ۋاقتى 2012-يىلى 12-نويابىر، سۇرىيە ئۇرۇش ئايروپىلانى تۈركىيە بىلەن سۇرىيە چېگرىسىدىكى Ras al-Ain رايونىنى بومباردىمان قىلىپ ، نۇرغۇن ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى ، خەلق ئارقا-ئارقىدىن يۇرتىنى تاشلاپ قېچىپ كەتتى .    سۈرەتتە ؛  يارىلانغان بىر يىگىت دوختۇرخانىدا داۋالانماقتا

     

     

     

    شۇ يەر ۋاقتى 2012-يىلى 4-نويابىر، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى شىمالدىكى Al-Bab رايونىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى . سۈرەتتە: ھاۋا ھۇجۇمىدا يارىلانغان قىزىنى كۆتۈرۈۋالغان دادا

     

     

    شۇ يەر ۋاقتى 8-ئىيۇن ، پاكىستان پېشاۋۇر، بىر ئاممىۋى ئاپتوبۇس ‹‹ ئاپتوموبىلبومبا ›› نىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ، ئاز دېگەندىمۇ 18 ئادەم قازا قىلدى ، ئارىسىدا ئالتە ئايال ۋە بىر بالا بار


     

    شۇ يەر ۋاقتى 2012-يىلى 2-ماي ، ئافغانىستان كابۇل ، يۈز-كۆزى قانغا بويالغان يارىدار . شۇ كۈنى ، تالىبان پايتەخت كابۇلغا ھۇجۇم قىلدى ، بىر ئاپتوموبىل جالالئاباد كوچىسىدا پارتلاپ كەتتى


     

    شۇ يەر ۋاقتى 2012-يىلى 9-ئۆكتەبىر، سۇرىيە ھەلەب، يارىلانغان قىزچاق


     

    شۇ يەر ۋاقتى 2012-يىلى 2-سېنتەبىر، سۇرىيە ھەلەب ، يارىلانغان سۇرىيەلىك ئوغۇل بالا ئالدىنقى سەپكە يېقىن دوختۇرخانىدا داۋالانماقتا


     

    شۇ يەر ۋاقتى 2012-يىلى 19-سېنتەبىر، پاكىستان پېشاۋۇر، دادىسى بومباردىماندا يارىلانغان بىر ئوغۇل بالا قاتتىق يىغلىماقتا


     

    شۇ يەر ۋاقتى 2012-يىلى 1-نويابىر، سۇرىيە ھەلەب ، ئوق پارچىسى تېگىپ يارىلانغان بىر بالا ھەلەب دوختۇرخانىسىدا داۋالانماقتا


     

    شۇ يەر ۋاقتى 2012-يىلى 21-ئۆكتەبىر، سۇرىيە ھەلەب ، يارىلانغان بىر ئەر دوختۇرخانىدا ئاغرىق ئازابىغا بەرداشلىق بەرمەكتە


     

     شۇ يەر ۋاقتى 2012-يىلى 21-ئاۋغۇست، پاكىستان جىددە ، بىر ئەر يارىلانغان بالىسىنى كۆتۈرۈپ دوختۇرخانىدا يۈرمەكتە. پاكىستان جىددە ھەربىي ئاپتوموبىل ئەترىتى ‹‹ئاپتوموبىلبومبا›› ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ، بىر پۇقرا قازا قىلدى ، 12 ئادەم يارىلاندى، ئارىسىدا ئۈچ بالا بار


     

       شۇ يەر ۋاقتى 2012-يىلى 23-ئاۋغۇست، ئىئوردانىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى مافراق ، سۇرىيەنىڭ دۆلەت ئىچى بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى توختىماي يامانلاشقانلىقتىن ، ئۇرۇش ئوتىدىن قاچقان سۇرىيەلىكلەر ئارقا-ئارقىدىن يېقىندىكى تۈركىيە، ئىئوردانىيە، ئىراق ۋە لىۋانلارغا قېچىپ بېرىپ پاناھلاندى . ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە ، ئىئوردانىيەگە كىرگەن سەرگەردان مۇساپىرلارنىڭ سانىلا 150 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن ، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن ، 29-ئىيۇل، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسى ۋە ئىئوردانىيە ھۆكۈمىتى ئىئوردانىيە پايتەختى ئامماننىڭ شەرقىدىن 75 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئافراق ئۆلكىسىدە تۇنجى مۇساپىرلار لاگېرى ـــ زارتېل مۇساپىرلار لاگېرىنى تەسىس قىلدى. سۈرەتتە: لاگېردىكى مۇساپىر بالىلار ئويۇنچۇق تاپانچا ئوينىماقتا


     

        شۇ يەر ۋاقتى 2012-يىلى 4-ئۆكتەبىر، سۇرىيە ھەلەب ، يارىلانغانلار Dar al Shifa دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ مېڭىلدى. سۇرىيە زوراۋان كۈچلىرى 4-ئۆكتەبىر كۈنى ئاز دېگەندىمۇ 80 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

     

     

       شۇ يەر ۋاقتى 2012-يىلى 31-ئاۋغۇست، سۇرىيەنىڭ چېگرا شەھىرى ئاساز، نۇرغۇنلىغان سۇرىيەلىك مۇساپىرلار چېگرىدىن چىقىپ، تۈركىيەنىڭ كىلىس ئۆلكىسىگە كىرىشكە ئۇرۇنماقتا. ھازىر سۇرىيەنىڭ نەچچە مىڭدەك سەرگەردان مۇساپىرى سۇرىيە-تۈركىيە چېگرىسىدا ياشاۋاتىدۇ


     

        شۇ يەر ۋاقتى 2012-يىلى 12-مارت، غەززەنىڭ شىمالىدىكى Beit Lahia، يارىلانغان پەلەستىنلىك بىر بالا دوختۇرخانىدا داۋالانماقتا


     

        شۇ يەر ۋاقتى 2012-يىلى 27-سېنتەبىر، سۇرىيە شىمالىدىكى ھەلەب شەھىرى، بىر ئەر ئاكىسىنىڭ مېيىتى يېنىدا يىغلىماقتا


     

        شۇ يەر ۋاقتى 2012-يىلى 4-ئاپرېل، پاكىستان كاراچى، شىئە مەزھىپىدىكى مۇسۇلمان قىز دىنىي مەزھەپلەرنىڭ قىرغىنچىلىقىغا ئېتىراز بىلدۈرمەكتە. 3-ئاپرېل، پاكىستاننىڭ شىمالىدىكى دىنىي توقۇنۇشتا ئاز دېگەندىمۇ 14 ئادەم قازا قىلدى، 50 نەچچە ئادەم يارىلاندى