مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شىنجاڭ

    ئەنۋەرجاننىڭ «ئەڭ گۈزەل شىنجاڭ» ناملىق پىلاستىنكىسى ئېلان قىلىندى

    بۇئايشەم2017-08-11 11:28:33تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     ئۆز خەۋىرىمىز: 10-ئاۋغۇست «ئەڭ گۈزەل شىنجاڭ» ناملىق ناخشىنىڭ ياڭرىشى بىلەن، شىنجاڭدىكى ئاتاقلىق مۇزىكانت ئەنۋەرجاننىڭ «ئەڭ گۈزەل شىنجاڭ» ناملىق ئەڭ يېڭى پىلاستىنكىسى رەسمىي ئېلان قىلىندى، بۇ ئەنۋەرجاننىڭ «بۇ جاي شىنجاڭ» ناملىق تۇنجى پىلاستىنكىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنكى گۈزەل شىنجاڭ مەدھىيەلەنگەن يەنە بىر پىلاستىنكىسىدۇر.

     ئىگىلىنىشىچە، ئەنۋەرجان بۇ يېڭى پىلاستىنكىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن تۆت يىل سەرپ قىلغان بولۇپ، بۇ پىلاستىنكىغا 12 ناخشا كىرگۈزۈلگەن. «ئەڭ گۈزەل شىنجاڭ» ناملىق ناخشىغا شىنجاڭدىكى ئۆرپ-ئادەتلەر، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مېھماندوستلۇقى، قىزغىنلىقى يۇغۇرۇلغان، ناخشىدا شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ بەخت نۇرىغا چۆمۈپ، ئىناق جەمئىيەتتە ياشاۋاتقانلىقى ئىپادىلەنگەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.