مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شىنجاڭ

    شىنجاڭدا خەلقئارالاشقان بۆرەك كېسەللىكلىرى تەتقىقات مەركىزى قۇرۇلدى

    مەۋلۇدە2017-08-11 10:53:05تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىندا چاقىرىلغان 2017-يىللىق «يىپەك يولى» بۆرەك كېسەللىكلىرى مۇنبىرى ۋە خەلقئارالىق بۆرەك كېسەللىكلىرى ئىلمىي جەمئىيىتى رايونلار تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ يىغىنىدا شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا بۆرەك كېسەللىكلىرى مەركىزىنىڭ مۇدىرى ليۇجيەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭ كەلگۈسىدە مۇھىم ۋاستىغا ئايلىنىپ، «ئاچا-سىڭىللار بۆرەك كېسەللىكلىرى تەتقىقات مەركىزى» ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ بۆرەك كېسەللىكلىرىنى داۋالاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن جۇڭگو ئىچكى قۇرۇقلۇقىدىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ داۋالاش بايلىقلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

     ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق يىغىننى نەنجىڭ باش دوختۇرخانىسى خەلقئارا بۆرەك كېسەللىكلىرى كىلىنكىدا تەتقىق قىلىش مەركىزى ۋە شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان. يىغىن مەزگىلىدە، ئۆزئارا ئۆگىنىش، تەربىيەلەش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ بۆرەك كېسەللىكلىرىنى داۋالاش سەۋىيەسىنى خەلقئارالىق سەۋىيە بىلەن جىپسىلاشتۇرۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا، نەنجىڭ باش دوختۇرخانىسى ۋە ئامېرىكا بۇلان ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلىكتە «ئاچا-سىڭىللار بۆرەك كېسەللىكلىرى تەتقىقات مەركىزى» قۇرغان.

     ليۇ جيەن مۇنداق دېدى: مەملىكىتىمىزدە بۆرەك كېسەللىكلىرىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى %10.8 بولۇپ، شىنجاڭدىكى يېزا ئاھالىلىرى ئارىسىدا بۆرەك كېسەللىكلىرىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى مەملىكەت ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن بىر قەدەر تۆۋەن، ئەمما شەھەرلەردىكى ئاھالىلەر ئارىسىدا كېسەللىك قوزغىلىش نىسبىتى مەملىكەت سەۋىيەسى بىلەن تەڭ دەرىجىدە تۇرىدۇ. بۆرەك كېسەللىكلىرى بىمارلىرىنىڭ كۆپىيىشى شىنجاڭلىقلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شىنجاڭلىقلار تۇزسىز، ئاچچىق يېمەكلىكلەر ۋە ھايۋاناتلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى، يەلقازان شورپىسى، پىۋا قاتارلىق پۇرىن، ئاقسىل، ياغ بىر قەدەر كۆپ يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇلار بۆرەك كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يوشۇرۇن خەتەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

     يېقىنقى ئىككى يىلدا، شىنجاڭدا بۆرەك كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن قان تازىلىتىۋاتقان بىمارلار بارغانسېرى كۆپەيدى. ئىلگىرى نۇرغۇنلىغان بىمارلار بۆرەك كېسەللىكلىرىنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى باسقۇچلىرىغا بېرىپ قالغاندا ئاندىن دوختۇرخانىغا كەلگەن، شۇنىڭ بىلەن داۋالاشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتلىرى قولدىن كەتكەنىدى. داۋالاش سىياسەتلىرىنىڭ ئەلالىشىشى، ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكىنى تەكشۈرتۈشنىڭ ئومۇملىشىشى بىلەن شىنجاڭدىكى بۆرەك كېسەللىكلىرىنى داۋالاش كۆزنەكلىرىمۇ ئىلغارلاشتى، ھازىر كىشىلەرنىڭ ساغلاملىق ئېڭى ئۆستى، بۆرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بىلگەن ھامانلا دوختۇرخانىغا كېلىپ تەكشۈرتىدىغان، داۋالىتىدىغان بولدى.

     ليۇ جيەننىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ بۆرەك كېسەللىكلىرى تەتقىقاتى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى. دائىم كۆرۈلىدىغان بۆرەك كېسەللىكلىرىگە دىياگنوز قويۇش جەھەتتە، قان تازىلاش، بۆرەك ئالماشتۇرۇش، قورساق پەردىسى دىئالىزى ۋە يېڭى دورىلارنى كېلىنكىدا تەتقىق قىلىش جەھەتتە مەملىكەت بويىچە تەڭ قەدەمدە ماڭماقتا. رايون ئىچىدىكى 14 دوختۇرخانا «ئاچا-سىڭىللار بۆرەك كېسەللىكلىرى تەتقىقات مەركىزى» گە ئەزا بولغان بولۇپ، ئىلغار داۋالاش سەۋىيەسى ۋە بايلىقى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامدىكى دوختۇرخانىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، پۇقرالارنىڭ ئىشىك ئالدىدىلا بۆرەك كېسەللىكلىرىنى داۋالىتىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.