مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شىنجاڭ

    شىنجاڭدا ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش باشلاندى

    بۇئايشەم2017-08-11 10:36:38تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     شىنجاڭ تورى خەۋىرى: 2017-يىللىق ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھانى ۋە ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى بېكىتىشنىڭ «مائارىپ ئىلىمى، پىسخىكا ئىلىمى» دەرسلىكى ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش خىزمىتى باشلاندى. بۇ يىل داۋاملىق توردا تىزىملاش ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، توردا ھەق تۆلەش ئۇسۇلى قوللىنىلىدىكەن، ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭ ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھانىغا تىزىملاش تورىدا تىزىملاتسا بولىدىكەن.

       مۇخبىرنىڭ 9-ئاۋغۇست ئاپتونوم رايونلۇق ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھانى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىللىق تىزىملاش ۋاقتى 10-ئاۋغۇستتىن 10-سېنتەبىرگىچە بولىدىكەن. ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھانىنىڭ يېڭى ئوقۇغۇچىلىرى ۋە «ئىككى پەن»گە تىزىملىتىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ توردا تىزىملاش ۋاقتى 5-سېنتەبىر سائەت 20:00 گىچە بولىدىكەن.

      

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.