مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مەملىكەت

    غەربىي رايوندىكى ئەڭ چوڭ يولۇچى توشۇش تۈگۈنى ئاساسىي جەھەتتىن پۈتتى

    بۇئايشەم2017-08-11 10:26:19تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

      خەلق تورى، چۇڭچىڭ، 10-ئاۋغۇست تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 10-ئاۋغۇست چۇڭچىڭ غەربىي ۋوگزالى قۇرۇلۇش تارماقلىرىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىرغىچە چۇڭچىڭ غەربىي ۋوگزالىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇشى پۈتۈپ، ئۆي ئىچىگە تۇرۇبا لىنىيەسى ئورنىتىش، تام يۈزىنى بېزەش قۇرۇلۇشىنىڭ %90 دىن كۆپرەكى ئاياغلاشقان بولۇپ، 2017-يىلىنىڭ ئاخىرى قۇرۇلۇش تاماملىنىش پىلانلانغان.

      ئىگىلىنىشىچە، چۇڭچىڭ غەربىي ۋوگزالى چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ شاپىڭبا رايونىدىكى ئەڭ چوڭ يولۇچى توشۇش تۈگۈنى بولۇپ، ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس، كوچا ئاپتوبۇسى، رېلىسلىق قاتناش قاتارلىق كۆپ خىل قاتناش ۋاستىسى بىلەن بىرگەۋدىلەشكەن. بېكەتنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 280 مىڭ كىۋادىرات مېتىر بولۇپ، 3 مىليارد 80 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان. نۆۋەتتە بارلىق قۇرۇلۇش ۋاقىت تەرتىپى بويىچە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈش مۆلچەرلەنگەن. بۇ ۋاقىتتا كۆپ خىل لىنىيەگە قاتنايدىغان پويىزلارنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى 42 مىليون 180 مىڭ ئادەم (قېتىم) غا يېتىشى مۇمكىنكەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.