مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مەملىكەت

    25-ئاۋغۇست مېيىپلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش كۈنى قىلىپ بېكىتىلدى

    بۇئايشەم2017-08-10 16:23:12تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

      شىنخۇا تورى خەۋىرى: جۇڭگو مېيىپلار بىرلەشمىسى، مەركىزىي تەشۋىقات بۆلۈمى، دۆلەتلىك سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى قاتارلىق 16 ئورۇن يېقىندا بىرلىكتە ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، تۇنجى قېتىملىق مېيىپلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش كۈنى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. ئىگىلىنىشىچە، گوۋۇيۈەن 25-ئاۋغۇستنى مېيىپلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش كۈنى قىلىپ بېكىتىشنى تەستىقلىغان بولۇپ، بۇ يىل 25-ئاۋغۇست مەملىكەتلىك تۇنجى مېيىپلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش كۈنى قىلىنغان. ‹‹مېيىپلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە مېيىپلار سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىزامى››، ‹‹ دۆلەت مېيىپلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەرىكەت پىلانى ( 2016 - يىلىدىن 2020 - يىلىغىچە ) ›› ھەمدە مېيىپلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئاساسىي بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىش ئاساسىي نۇقتا قىلىنىپ، ئاممىغا مېيىپلىق خەۋپ-خەتىرىنى پەرقلەندۈرۈش ۋە مېيىپلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئۈنۈملۈك يول ۋە ئۇسۇل چۈشەندۈرۈلۈپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ مېيىپلىقتىن ساقلىنىش ئېڭى كۈچەيتىش مەقسەت قىلىنغان.

     ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەر قايسى جايلار يەرلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە مېيىپلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە قارىتا ئەمەلىي تەكشۈرۈش ۋە زىيارەت قىلىپ ھال سوراشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، كەمتۈك تۇغۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، كۈتۈلمىگەن زەخىمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىشتا يارىلىنىش ۋە كەسپىي كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مېيىپلار سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق ئالاقىدار ساھەلەردىكى خىزمەت ئەھۋالىنى ئىگەللەپ، كونكېرت مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش ۋە ھەل قىلىش كېرەك. مېيىپلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئاساسىي بىلىملىرىنى چۆرىدەپ، مېيىپلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەھەللە، مەكتەپ، ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈشتەك تەشۋىقات-تەربىيە ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.