مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شۇجى خاتىرىسى

    باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئاتلىنىشىمىز كېرەك

    ئامانگۈل2017-08-10 10:45:17شىنجاڭ گېزىتى

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى مۇزاكىرە قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى

    چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

      ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 8–ئاينىڭ 9–كۈنى چۈشتىن كېيىن دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ جيۇزەيگۇ ناھىيەسىدە 7بال يەر تەۋرىگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن بەرگەن مۇھىم يوليورۇقى ۋە زۇڭلى لى كېچياڭ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ، مۇئاۋىن زۇڭلى جاڭ گاۋلى قاتارلىق مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلارنىڭ تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ جىڭ ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن 6.6 بال يەر تەۋرەش ئاپىتى ئەھۋالى ۋە يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قايتا ئورۇنلاشتۇردى.

     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ جىڭ ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن 6.6 بال يەر تەۋرەش ئاپىتى ئەھۋالى ۋە يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى.

     يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ جيۇزەيگۇ ناھىيەسىدە 7 بال يەر تەۋرىگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن بەرگەن مۇھىم يوليورۇقى ۋە زۇڭلى لى كېچياڭ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ، مۇئاۋىن زۇڭلى جاڭ گاۋلى قاتارلىق مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلارنىڭ تەستىقىي يوليورۇقىدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ۋە ئاپەت يۈز بەرگەن رايونلاردىكى ھەر مىللەت خەلققە بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقى تولۇق نامايان قىلىندى، شۇنداقلا بىزنىڭ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ جىڭ ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن 6.6 بال يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزگە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىلىپ، ئىشەنچىمىزنى ئاشۇردى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلار، بولۇپمۇ ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردىكى پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭ قاتارلىق مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلارنىڭ مۇھىم تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى تېزدىن يەتكۈزۈپ ۋە ئۆگىنىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار–ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پۇختا ھەم ئۈنۈملۈك چىڭ تۇتۇپ، ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

     يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ جىڭ ناھىيەسىدە 6.6 بال يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى دەرھال ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇپ، دەرھال 3–دەرىجىلىك جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرىنى قوللىنىپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قوماندانلىق ئىشتابى قۇرۇپ، خىزمەت گۇرۇپپىسىنى تېزدىن ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارنىڭ 1–سېپىگە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا يېتەكچىلىك قىلىشقا، ياردەم بېرىشكە ئەۋەتتى، ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئاپەتكە ئۇچرىغان ئوبلاستلىق، ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى پائال تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن خەتەردىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى تەشكىللەپ، ئاممىنى جىددىي يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇردى. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى، كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار، شۇ جايدىكى كادىرلار ۋە ئامما دەرھال خەتەر ۋە ئاپەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە كىرىشتى. خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىدىكى كوماندىر–جەڭچىلەر، قوراللىق ساقچى قىسىم، ج خ خەلق ساقچىلىرى، ئوت ئۆچۈرۈش ئوفىتسېر–ئەسكەرلىرى ۋە زاپاس خەلق ئەسكەرلىرى تېزدىن ماسلىشىپ، ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى جارى قىلدۇردى. ھازىر چېدىر، پاختىلىق چاپان، يېمەكلىك قاتارلىق ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرى ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارغا، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىغا يەتكۈزۈلۈپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى كۈچلۈك، تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتىدۇ.

     يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭ قاتارلىق مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلارنىڭ مۇھىم تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلققە يۈكسەك مەسئۇل بولۇش روھى بىلەن، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئىلمىي، تەرتىپلىك ياخشى ئىشلەشكە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئاتلىنىشىمىز كېرەك.

     بىرىنچىدىن، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئاپتونوم رايوننىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قوماندانلىق ئىشتابى بىر تۇتاش قوماندانلىق قىلىپ، بايلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ قۇتقۇزۇش–ياردەم بېرىش كۈچىنى بىر تۇتاش قوماندانلىق قىلىش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، زىچ ماسلىشىپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، خىزمەتلەرنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

     ئىككىنچىدىن، ۋاقىتنى قولدىن بەرمەي ئادەم قۇتقۇزۇش كېرەك. ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردا كەنت، ئائىلىلەرنى بىرمۇ بىر تەكشۈرۈپ، بىر ئائىلىنىمۇ چۈشۈرۈپ قويماي، تالاپەتنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىش كېرەك. ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن ئايانماي، دوختۇرخانىدىكى يارىدارلار، بولۇپمۇ ئېغىر يارىدارلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن داۋالاش–قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

     ئۈچىنچىدىن، ئاممىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. ئاممىنى بىخەتەر جايدا خەتەردىن ساقلىنىشقا داۋاملىق تەشكىللەپ ۋە سەپەرۋەر قىلىپ، ماددىي ئەشيالار بىلەن تەمىنلەشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ تۇرىدىغان جايى، يەيدىغان تامىقى، ئىچىدىغان پاكىز سۈيى بولۇشىغا، يارىدارلار، كېسەللەرنىڭ داۋالىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، سەھىيە يۇقۇم مۇداپىئەسى خىزمىتىنى ئىنچىكە ياخشى ئىشلەپ، ئىچىدىغان سۇنى تەكشۈرۈش ۋە يېمەكلىك تازىلىقىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك.

     تۆتىنچىدىن، ئىككىلەمچى ئاپەت يۈز بېرىشىدىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك. يەر تەۋرەش تارماقلىرى يەر تەۋرەش ئەھۋالىنى كۆزىتىش ۋە تەھلىل قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئاپەتتىن ئالدىن سىگنال بېرىش ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى؛ مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى ھاۋا رايى ئۆزگىرىشىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، ئىلمىي تەھلىل قىلىپ ئالدىن ھۆكۈم چىقىرىپ، ئىككىلەمچى ئاپەت يۈز بېرىشىدىن قاتتىق ساقلىنىشى؛ ھەر قايسى تەرەپتىكى كۈچلەر ئىلمىي قۇتقۇزۇپ، مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كىشىلەرنىڭ قايتا تالاپەتكە ئۇچرىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.

     بەشىنچىدىن، تەبىئىي ئاپەتتىن ساقلىنىش كېرەك. ھازىر كەلكۈن مەزگىلى بولغاچقا، ئاپەتنى كۆزىتىش، ئاپەتتىن ئالدىن سىگنال بېرىش ھەمتۈرتكە مېخانىزمى ئورنىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاپەت ئاسان يۈز بېرىدىغان رايونلاردا كۆزىتىش، ئانالىز قىلىشنى كۈچەيتىپ، گېئولوگىيەلىك ئاپەت، مېتېئورولوگىيە ئاپىتىدىن ۋاقتىدا ئالدىن سىگنال بېرىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال–مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

     ئالتىنچىدىن، ئاپەت زىيىنىنى ئوبيېكتىپ باھالاش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قوماندانلىق ئىشتابى بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇپ، ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئوبلاست، ناھىيەلەر ھەمكارلىشىپ ماسلىشىپ، ئاپەت ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئېنىق ئىگىلەپ، ئاپەتكە ئۇچراش ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك، ئوبيېكتىپ تەكشۈرۈش، باھالاش، قايتا قۇرۇش خىزمىتىگە ئىلمىي ئاساس سېلىشى كېرەك.

     يەتتىنچىدىن، جامائەت پىكرىنى توغرا يېتەكلەش كېرەك. ئاپەت ئەھۋالى ۋە قۇتقۇزۇش خىزمىتى، ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۇل ئەسلىھەلەرنى تېزدىن رېمونت قىلىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا، ئوبيېكتىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا ئېلان قىلىپ، جامائەت پىكرىنى توغرا يېتەكلەپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك.

     سەككىزىنچىدىن، بىر تۇتاش پىلانلاپ، تەڭ ئېتىبار بېرىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. بىر قولدا يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنى تۇتۇش، يەنە بىر قولدا مۇقىملىق، تەرەققىياتنى تۇتۇش، ئىككىلىسىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىك كېرەك. يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتا ئومۇميۈزلۈك غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپلا قالماي، ئاپتونوم رايونىمىز ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنىڭ داۋاملىق ئىناق، مۇقىم بولۇشى، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

     ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، جۇ خەيلۇن، لى پېڭشىن، شاۋكەت ئىمىن، شۈ خەيرۇڭ، لى شۆجۈن، ما شۆجۈن، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۈەن رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش كومىتېتىغا ئەزا ئورۇنلار، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.