مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    پەن – مائارىپ

    ئۇچقات يېزىسىدا ئىستۇدېنتلارنىڭ بىرلەشمە تەنتەربىيە مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

    مەۋلۇدە2017-08-10 10:24:13تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز سىدىق مىجىت، گۈليار ھىمىت خەۋىرى، فوتوسى: 8-ئاۋغۇست توقسۇ ناھىيەسى ئۈچقات يېزىسى ئاچدۆڭ كەنتىدە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىش، تەتىلدە يۇرتىغا قايتقان ئىستۇدېنتلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىش بويىچە بىرلەشمە تەنتەربىيە مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى، مۇسابىقىگە ئۈچقات يېزىسىنىڭ 16 مەمۇرىي كەنتىدىكى 132 ئىستۇدېنت قاتناشتى.

     مۇسابىقىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا «ۋەتەننى سۆيۈش، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش» تېمىسىدا ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرى كۆرسىتىلدى. ئارقىدىن ئىستۇدېنتلار ۋاسكېتبول، ۋالىبول، ئارغامچا سەكرەش، ئارغامچا تارتىشىش قاتارلىق تۈرلەر بويىچە مۇسابىقىلىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلدى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.